لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەئاتى — ئۆزئارا بېرىش - كېلىش ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭكىگە بېرىش؛
- تەئادۇل — بىر - بىرىگە تەڭ كېلىش ، باراۋەرلىك ، تەڭلىك ؛ تەڭپۇڭلۇق؛ [تەئادۇل ئەتمەك --- باراۋەر قىلماق ، تەڭ قىلماق]؛
- تەئارۇز — ئۆزئارا قارشىلىشىش ، بىر - بىرى بىلەن زىتلىشىش؛
- تەئاقۇب — كەينىدىن قوغلاش ، ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي ، ئەگىشىش ؛ قوغلىشىش؛
- تەئالى — يۇقارى كۆتۈرۈلۈش ، ئېگىزلەش ، يۇقارىلاش ، بۈيۈكلىشىش؛
- تەئالىم — ؛«تەئلىم»نىڭ كۆپلۈكى : ئۆگىتىشلەر ، ئوقۇتۇشلار ، تەلىملەر؛
- تەئام — ئاش ، تاماق ، يېمەك؛
- تەئامۇل — ھەمكارلىق ، ھەمكارلىشىش ، ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشىش ، ئۆزئارا ئېلىم - سېتىم قىلىشىش؛
- تەئاۋۇن — ئۆزئارا ياردەم ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ، ياردەملىشىش ، ھەمكارلىق؛
- تەئەب — مۇشەققەت، قىيىنچىلىق ، جاپا، ھارغىنلىق؛ [تەئەب تارتماق --- قىينالماق ، جاپا تارتماق]؛
- تەئەببۇد — بەندىلىك ، قۇللۇق ، قۇلچىلىق ، ئىخلاسمەنلىك ، سادىقلىق؛ [ئەمرى تەئەببۇد --- بەندەچىلىك]؛
- تەئەبناك — قىينالغان ، مۇشەققەت تارتقان ، قىيىن ، مۇشەققەتلىك ، تەس؛
- تەئەججۇب — ئەجەبلىنىش ، ھەيران قېلىش؛
- تەئەججۇپ — ھاڭ - تاڭ قېلىش؛ ھەيرانلىق.
- تەئەددۇد — كۆپ ، جىق؛
- تەئەددى — زۇلۇم سېلىش ، ئېزىش ، ھەددىدىن ئېشىش؛ دوق؛ تاپا - تەنە؛
- تەئەررۇز — تېگىش ، چېقىلىش، ھۇجۇم ؛ قارشىلىق كۆرسىتىش؛ [ تەئەررۇز قىلماق --- تەگمەك، چېقىلماق، ھۇجۇم قىلماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك، تا
- تەئەززۈم — ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ، كېبىرلىنىش ، ئۆزىنى كاتتا كۆرسىتىش؛
- تەئەسسوف — ئېچىنىش ، ئەپسۇسلىنىش ، ئۆكۈنۈش ، پۇشايمان قىلىش؛ [تەئەسسوف يەمەك --- ئېچىنماق ، ئەپسۇسلانماق]؛
- تەئەسسۇب — مۇتەئەسسىپلىك ، ئۆز پىكرىنى توغرا دەپ تۇرۇۋېلىش ، جاھىللىق؛ سەۋدايىلىق ، ئۆزىنى يوقاتقان دەرەجەدە ياخشى كۆرۈش؛
- تەئەسسۇبلۇق — غەيرەتلىك ؛ كاجلىق، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇش؛
- تەئەسسۇپ — ئېچىنىش؛ ئىچ ئاغرىتىش؛ ئەپۇسلىنىش؛
- تەئەسسۇر — تەسىرلىنىش ، سېزىش ، ھېس قىلىش ، ئازابلىنىش؛
- تەئەششۇق — ئاشىق بولۇش ، كۆيۈپ قېلىش ، سۆيۈش؛