لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تانلاماق — تاللىماق؛
- تانۇق — ئىسپات ، گۇۋاھ ، بەلگە ، نىشان ، تونۇق؛ گۇۋاچى؛
- تانۇقلاماق — ئىسپاتلىماق ، ئىقرار قىلماق ، ئېتىراپ قىلماق؛
- تانۇقلۇق — دەلىل - ئىسپات ، گۇۋاھلىق؛ [ تانۇقلۇق = تانۇغلۇغ، تانۇقلىق، تانۇغلاماق]؛
- تانۇماق — تونۇماق؛
- تانىماغلىق — تونۇماق؛
- تانىمال/ تانىمان — مەشھۇر ، تونۇلغان ، نامى چىققان؛ [تانىمال بولماق --- تونۇلماق، نامى چىقماق]؛
- تاھارەت — تازىلىق؛ يۇيۇنۇش؛
- تاھىر — پاك ، پاكىز ، ساپ ، تازا؛ تەرەت ئالغان؛
- تاۋا — تاۋا-- ئاشخانادا يېمەكلىكلەرنى قورۇش، قىزىرتىش ياكى كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، تېگى تەكشى ۋە يانلىرى نىسبەتەن پەس
- تاۋاپ — بىرەر نەرسەنىڭ ئەتراپىنى ئايلانماق؛ مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلماق؛
- تاۋاچى — ھۆكۈمدار يېنىدىكى جارچى ، خەۋەرچى ، ئالاقىچى؛
- تاۋار — مال - چارۋا؛
- تاۋارلىق — سودا-سېتىق؛
- تاۋاشى — ھەرەم ئاغاسى (ئاختا قىلىنغان )؛
- تاۋشالماق — جۈدىمەك ، زەئىپلەشمەك؛
- تاۋۇز — مىۋە تۈرى؛
- تاۋۇس — ئۇيغۇرچە«توز»دەپ ئاتىلىدىغان قۇشنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى؛ [تاۋۇس پەيكەر --- تاۋۇس شەكىللىك ، گۈزەل كۆرۈنۈشلۈك، توزغا ئوخشاش]؛
- تاۋۇشقانچى — توشقان باققۇچى ؛ توشقان ساتقۇچى ؛ توشقان ئوۋلىغۇچى؛
- تاياغلاتماق — كالتەك بىلەن ئۇرماق ، كالتەكلىمەك؛
- تايغان — ئىت تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ يۈگرۈكلىكى ۋە قورقۇمسىزلىقى بىلەن داڭلىق. ئوۋچىلىقتا كۆپ ئۇچرايدۇ؛ ھايۋانات تۈرى؛
- تايغۇر — تېيىلغاق؛
- تايلاند — تايلاند--جەنۇبىى شەرقىي ئاسىيادا جايلاشقان پادىشاھلىق دەۋلەتى بولۇپ، پايتەختى بانكوك؛ بۇرۇن "سىيام" دەپ ئاتىلاتتى. ئاھال
- تە ئىجىل — ئالدىراقسان؛ ئوپۇل - توپۇل؛ چاپسان؛سۈرئەت.