لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىھال — ھالسىز ، مادارسىز ، بوشاشقان ؛ ئاغرىق ؛ بىھوش؛
- بىھەد — چەكسىز.
- بىھەدد — چەكسىز ، ھېسابسىز ؛
- بىھەددۇ غايەت — چەكسىز ، چېگراسىز؛
- بىھەراس — قورقماس ، پەرۋاسىز؛قورقماي، ھېيىقماي؛
- بىھەزەلقىياس — شۇ قىياس بىلەن ، شۇ ئەندىزىدە ، شۇ ئۆلچەمدە ؛
- بىھەقق — ھەقىقىي ، ئەمەلىي؛
- بىھەمال/ بىھۇمال — تەڭسىز ، شېرىكسىز ، مىسلىسىز؛
- بىھەمتا — تېڭى يوق ، يەككە - يېگانە ، بىردىنبىر ، تەڭدىشى يوق؛
- بىھەمدەم — ئۈلپەتسىز ، بۇرادەرسىز ، دوستسىز؛
- بىھەمدىك — ھەمدۇسانايىڭ بىلەن؛
- بىھەمدىكە — بىھەمدىك؛ [بىھەمدىكە فەتھۇ ئەبۋابىلمەئانى --- مەنالەر ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتقانلىقنىڭ خاسىيىتىدىن]؛
- بىھەمىييەت/بىھەمىيەت — ۋىجدانسىز ، نومۇسسىز ؛ غەيرەتسىز ، تاش يۈرەك؛
- بىھەنجار — نىزامسىز ، قائىدەسىز ، ئورۇنسىز ؛ تەرتىپسىز؛
- بىھەنگام — ۋاقىتسىز ؛ مۇناسىۋەتسىز ، ئورۇنسىز . ھاۋاسىز ، يامان ، ناچار،قارام؛
- بىھەۋا — ھاۋاسىز ؛ ھەۋەسسىز؛
- بىھەيسىيەت — ئابرۇيسىز ؛ ئاتاقسىز؛
- بىھبۇد — ياخشىلاش ، ياخشىلىنىش ، ساغلاملىق ، تىنچلىق ؛ پايدا ، نىجات؛
- بىھرەك — ياخشىراق ؛ ناھايىتى ياخشى ؛
- بىھزاد — نەسلى ئېسىل ، ئەسلى ياخشى ؛ 15 - ئەسىردە ھىراتتا ئۆتكەن مەشھۇر رەسسام؛
- بىھۇدە — ئورۇنسىز؛ بوشتىن- بوشقا؛ نەتىجەسز.
- بىھۇدە كوش — بىھۇدە ھەرىكەت قىلغۇچى ، ئورۇنسىز ئىش قىلغۇچى؛
- بىھۇزۇر — ساقسىز ؛ روھسىز ، چۈشكۈن؛ ھۇزۇرسىز؛ تىنىچسىز. [بىھۇزۇر بولماق --- ساقسىز بولماق ، كېسەل بولماق ،ئاغرىپ قالماق]؛
- بىھۇزۇرلۇغ — ساقسىزلىق ، روھسىزلىق؛