لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىھۆكمىلىللاھ — ئاللاھنىڭ ھۆكۈمى بىلەن؛
- بىھۈنەر — ھۈنەرسەز ، بىلىمسىز؛
- بىھى — ؛1) بىيە؛ 2)ياخشىلىق ؛ ساقلىق ، ساغلاملىق ؛ ياخشىلاش ؛ ئامانلىق ، بەخت - سائادەت]؛
- بىھىجاب — پەردەسىز ، چۈمبەتسىز ، يۈزى ئوچۇق ؛ يالىڭاچ ؛ ئۇياتسىز؛
- بىھىجابانە — ئۇياتسىزلارچە ؛ ئوچۇقتىن ئوچۇق ، پەردەسىز ھالدا؛
- بىھىجابلىق — ئۇيالماسلىق ؛ يالىڭاچلىق ؛ پەردەسىزلىك؛
- بىھىساب — ھېسابسىز ، ئىنتايىن كۆپ ؛ ئىشەنچسىز ؛ ناتوغرا؛ ياخشى ھېسابلاشماي، قارىسىغا؛
- بىھىشت ئاسا — جەننەتتەك ، مىسلى جەننەت؛
- بىھىشتى ئەدن — مەڭگۈلۈك جەننەت؛
- بىھىل — كەچۈرۈم قىلىش ، گۇناھىدىن ئۆتۈش ، ئەپۇ قىلىش ؛ بېغىشلاش؛
- بىھىللىك — ئەپۇ قىلىش ، كەچۈرۈش ، بېغىشلاش؛
- بىۋاستە/ يېتەكلەش — Direct(سۈپەت/پېئىل/رەۋىش)-- ئاساسەن تۆت تۈرلۈك مەنانى بىلدۈرىدۇ. سۈپەت بولۇپ ئىشلەتكەندە "بىۋاسىتە،ئۇدۇل، ئوچۇق، تۈز" (d
- بىۋەجھ — سەۋەبسىز، دەلىلسىز، ئورۇنسىز؛
- بىۋەزن — ۋەزىنسىز ، ئۆلچەمسىز ؛ ئوخشىمىغان ، كېلىشمىگەن؛
- بىۋەفا — بىۋاپا ، لەۋزىدە تۇرمىغۇچى، ۋەدەسىدىن يېنىۋالغۇچى، ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان؛
- بىۋەقت — ۋاقىتسىز ، بىمەھەل؛
- بىۋەھم — ۋەھىمىسىز ، قورقۇنچسىز؛
- بىۋەھمۇبىيم — ۋەھىمىسىز ۋە قورقۇنچسىز؛
- بىۋۇقوف — خەۋەرسىز ، ۋاقىپ بولمىغان ؛
- بىۋىقار — يەڭگىل تەبىئەتلىك ، مىجەزى ئىتتىك ، قېنى قىزىق؛
- بىيابان — دەشت ، چۆل؛ [مەرگى بىيابان --- چۆل كېزىپ ئۆلگەن]؛
- بىيابانىي — سەھرايى ، چۆلدە ياشىغۇچى ؛ چۆل كېزەر؛
- بىيان — دورا ئۆسۈملۈك ، دورا ئوت؛
- بىيەكبارە — بەيەكبار؛