لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىن — ؛1) «ئىبن»نىڭ قىسقارتماسى : ئوغۇل ، ئوغۇل بالا ؛ 2)بىين؛
- بىنا — ئىمارەت ، قۇرۇلۇش ؛ ئاساس ، تايانچ؛ [ئەدەب بىناسى --- ئەدەپ - ئەخلاق قۇرۇلۇشى]؛ [بىنا قىلماق --- قۇرماق ، تىكلىمەك]؛ [لە
- بىنا ھايەت — بىپايان؛ چەكسىز
- بىنائەن — ئاساسلىنىپ ، تايىنىپ ، ئاساس قىلغان ھالدا ؛ ئاساسەن؛
- بىناكارلىق
- بىناكوش — بەناگوش؛
- بىناگاھ/ بىناگاھان — توساتتىن ، تۇيۇقسىز؛
- بىنايى خەير — ياخشىلىق بىناسى ، ياخشى ئىش؛
- بىنەدامەت — نادامەتسىز ، پۇشايمانسىز ، ئۆكۈنۈشسىز؛
- بىنەزىر — مىسلىسىز ، تەڭداشسىز؛
- بىنەسىپ — ئۈلۈشسىز، نېسىۋىسىز ، قۇرۇق قالغان؛
- بىنەفش/ بىنەفشە — سۆسۈن رەڭ ، سۆسۈن رەڭلىك گۈل - چېچەك؛
- بىنەفشەفام — بىنەپشە رەڭ؛ سۆسۈن رەڭ؛
- بىنەقد — نەق ، تەق ، تەييار ؛ ھازىرلا ، دەرھال؛
- بىنەك — كۆزنىڭ قارىچۇقى؛
- بىنەۋا — يوقسۇل ، كەمبەغەل ، بىچارە ؛ بەختسىز ؛ بەھرىسىز ، پايدا - مەنپەئەت چىقمايدىغان؛نائۈمىد؛
- بىنەۋالىغ — بىچارەلىق ، كەمبەغەللىك ، يوقسۇللۇق ؛ بەھرىسىزلىك ؛ ئۈمىدسىزلىك؛
- بىنۇر — خىرە ، نۇرسىز؛
- بىنىقاپ — پەردەسىز ، نىقابسىز؛
- بىنىھايەت — چەكسىز ، كۆز يەتكۈسىز ؛ تۈگىمەس؛
- بىنىياز — ھاجەتسىز ، ئېھتىياجسىز ؛ ئازاد ، ئەركىن ؛ ئاللاھ؛
- بىنىيازلىغ — ئېھتىياجسىزلىق ، مۇھتاجسىزلىق؛
- بىھ — ياخشى ، خوپ ، ئوبدان ، تۈزۈكرەك؛
- بىھار — ؛«بەھر»نىڭ كۆپلۈكى : دېڭىزلار؛