لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىلاد(بەلەد)؛ — شەھەرلەر
- بىلازەرۈر — كېرەكسىز ، زۆرۈرىيىتى يوق ، ھاجەتسىز؛
- بىلە — بىلەن ، بىللە ، بىرگە ، بىرلىكتە؛
- بىلەجام — يۈگەنسىز ، نوختىسىز ، تىزگىنسىز؛
- بىلەدورى — ئۆسۈملۈك مىۋەسىدىن ياسالغان بەزگەك دوراسى؛
- بىلەك — سوۋغا ، سوۋغا - سالام ، سالام؛ [خەت ۋە بىلەك --- خەت-خالتا]؛
- بىلەك — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- بىلەن(ياردەمچى پېئىل) — "With" ئىنگلىزچە كۆپ مەنالىق سۆز بولۇپ، جۈملەنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ھەر خىل مەنالارنى ئىپادەلەيدۇ. (1)بىر كىشى ياكى نەرسە
- بىلەنمە — قۇرۇلۇش ۋە بېزەكچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل يەر ئۈستى ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادەتتە مەرمەر، گرانت، كۋارتس ياكى ب
- بىلەۋ — بىلەي تاش؛
- بىلەي (تاش) — بىلەي-- ئەسۋاب چاقلايدىغان ، بىلەيدىغان تاش؛ پىچاق، قايچا ياكى باشقا قوراللارنىڭ يۇقىسىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلى
- بىلتەك — كېكەچ ، دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان؛
- بىلتۇر — بۇلتۇر ، ئۆتكەن يىل؛
- بىلتۇرغى — بۇلتۇرقى ، ئۆتكەن يىلدىكى؛
- بىلجۈملە — ھەممەسى ، بارلىقى ؛ ئومۇمەن ، شۇ جۈملەدىن؛
- بىلخاسسە — خۇسۇسەن ، بولۇپمۇ ؛ ئالاھىدە يېرى شۇكى؛
- بىلخاسسىيە — خاسىيىتى جەھەتتىن ؛ خاسىيىتى بىلەن؛
- بىلدار — يەر قازغۇچى،ئىستىكامچى؛ ئىشچى چىرىك، ساپيور؛
- بىلدۈرگۈلۈك — ئېلان ، خىتابنامە؛
- بىلدىك — بىلسۇن؛ ( «- دىك» قوشۇمچىسى بۇيرۇق، تەلەپ راي قوشۇمچىسى« -سۇن» ئورنىدا قوللىنىلىدۇ)؛
- بىلغەرەز — غەرەزلىك ، مۇئەييەن مۇددىئا بىلەن؛
- بىلفەرەز — پەرەزەن، تەخمىنەن ؛ پەرەز قىلايلۇق ؛ ئېيتايلۇق؛
- بىلفىئل — ئەمەلىي سۈرەتتە ، ئەمەلدە ، ئەمەلىيەتتە ؛ راستتىن ، ھەقىقەتەن؛ئىشلەپ ، ئەمگەك سىڭدۈرۈپ؛
- بىلقۇۋۋە — كۈچ بىلەن ، قۇۋۋەت بىلەن ، قۇۋۋەتكە قاراپ ، ئىمكانىيەتكە قاراپ؛