لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىكار قىلىش / ئەمەلدىن قالدۇرۇش — ؛(1)پائالىيەتنى توختاتىش: مەسىلەن، يىغىن، ساياھەت ياكى تاماشانى بىكار قىلىش؛(2)تېخنىكالىق مەنادا: كومپيۇتېر ياكى يۇمشاق
- بىكام — بەختسىز ، تەلەيسىز ، پالاكەت باسقان ؛ ئۇمىدسىز، ئۈمىدى ئۈزۈلگەن؛
- بىكە — خانىم ، خېنىم ؛ ئايال؛
- بىكەچ — قىز بالا ، يېڭى كېلىن ؛ چاي ئىچۈرۈلگەن قىز؛
- بىكەران — [بىكەران=بىكەرانە/ بىگەران/ بىگەرانە ]؛ ھەددى - ھېسابسىز ، كۆپ ؛ قىرغاقسىز ، چېگراسىز؛
- بىكەس — ھېچكىمى يوق ، يېتىم؛ غېرىپ؛ ئىگەسىز؛ تاشلاندۇق ھېچكىمسىز؛
- بىكر — قىز ، ئەرگە تەگمىگەن قىز ؛ مەسۈمە ، ئىپپەتلىك ، پاك؛ [سۆز بىكرى --- مېغىزلىق سۆز]؛
- بىكۇسۇف — سۇنماس؛ تۇتۇلمايدىغان؛ [شەمسى بىكۇسۇف --- تۇتۇلمايدىغان كۈن،تۇتۇلماس قۇياش]؛
- بىكۇللى — [بىكۇللى= بىكۇلل/بەكۇللى]؛ پۈتۈنلەي ، تامامەن؛
- بىكىم — بەگىم ؛ ھېچكىم ؛
- بىكىن/ بىگىن/بەگىن — [بىكىن=بىگىن/بەگىن]؛ .....-دەك؛
- بىگار — ھەقسىز ئەمگەك ، مەجبۇرىي ئەمگەك ، ھاشار؛
- بىگانە — ناتونۇش ، يات ، يوچۇن ، ياقا يۇرتلۇق؛
- بىگانە (يىگانە) — يالغۇزلۇق! تەنھالىق.
- بىگاھ/ بىگەھ — بىمەھەل ، ۋاقىتسىز ، بىمەزگىل ؛ كەچقۇرۇن ، كەچكى پەيت؛
- بىگران — چەكسىز.
- بىگىز بارماق — بەش بارماق نامى؛
- بىلئاخىر/بىلئاخىرە — ئاخىرىدا ، ئەڭ كەينىدە ؛ يېقىندا؛
- بىلئەكس — ئەكسىچە ، تەتۈرىسىچە؛
- بىلئەمەل — ئىشلەپ ، ياساپ ؛ ئامال بىلەن ، چارە قىلىپ؛
- بىلئىتتىغاق — ئىتتىپاق بىلەن ، ھەممە بىر سۆز بىلەن ؛ كېلىشىپ ، بىرلىشىپ ، تىل بىرىكتۈرۈپ؛
- بىلا — ؛«- سىز» ، «ئەمەس» قاتارلىق ئىنكار قىلىش مەناسىدە كېلىدىغان قوشۇمچە؛ [ بىلافائىدە ---پايداسىز]؛
- بىلا نىھايە/بىلانىھايەت — تۈگىمەس ، چەكسىز؛
- بىلاد — ؛«بەلەد»نىڭ كۆپلۈكى : شەھەرلەر ، رايونلار ؛ مەملىكەتلەر؛