لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىشدۇغ — پىشقان ، پىشىق ؛
- بىشومار — سانسىز؛ ھېساپسىز
- بىشۇئۇر — ئاڭسىز ، تەلۋە ؛ پەمسىز ، چۈشەنچەسىز ، ھېسسىياتسىز؛دىۋانە؛
- بىشۇمار/ بىشۇمارە — سان - ساناقسىز ، ھېسابسىز ، ئىنتايىن كۆپ؛
- بىشۈبھە — شۈبھىسىز ، شەكسىز ، گۇمانسىز؛
- بىشىبھ — مىسلىسىز ، تەڭدىشى يوق؛
- بىشىبھۇ مىسال — مىسلىسىز ، تەڭداشسىز؛
- بىغايەت — چەكسىز ، سانسىز ، ھېسابسىز ؛ ئىنتايىن ، بەك ، قالتىس؛
- بىغەرەز — مەقسەتسىز؛ غەرەز ئۇقماس
- بىغەش — تازا ، ساپ ، پاك ، باشقا نەرسەلەرگە ئارىلاشمىغان ؛ خالىس؛
- بىغۇبار — سۈزۈك؛چاڭ-توزاانسىز؛تىنىق
- بىغى كىن — دۈشمەنلىك نىيەتى؛ [بىغى كىن قىلماق --- دۈشمەنلىك نىيەتىدە بولماق]؛
- بىغىلغان — بوغۇلغان؛ ھۇشسىز؛ يىقىلغان
- بىفەلاھ — نەتىجەسىز ، ئۈنۈمسىز؛ راۋاج تاپمىغان، روناق تاپمىغان؛
- بىفۇرۇغ — نۇرسىز،خۇنۈك،قاراڭغۇ؛
- بىقائ — ؛«بۇقئە»نىڭ كۆپلۈكى: جايلار ، ماكانلار ، سورۇنلار ، مەيدانلار؛
- بىقائى خەير — كۆپچىلىك پايدىلىنىش ئۈچۈن ياسالغان بىنالار؛
- بىقانۇن — قانۇنسىز ، قائىدەسىز ، رەتسىز ، تەرتىپسىز؛ ئېگىز - پەس،كېلىشمىگەن؛
- بىقەدر — قەدىرسىز ، قىممەتسىز؛
- بىقەرار — قارارسىز ، سەۋرسىز ، تاقەتسىز ؛ تەلۋە ؛ [ئاشىقى بىقەرار --- قارارسىز ئاشىق ، كۆيگەن يار]؛
- بىقۇسۇر — قۇسۇرسىز ، نۇقسانسىز ، كەمچىلىكسىز ، ئەيىبسىز؛
- بىقىرنات — راسخوت ، چىقىم؛
- بىقىياس — چەكسىز ، مۆلچەرلىگۈسىز ، ھەددى - ھېسابسىز؛
- بىقياسۇ ئەنداز — ھەددى - ھېسابسىز ، قىياس ۋە ئەندىزىسىز؛