لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىستەر — تۆشەك ، ئورۇن - كۆرپە ، كۆرپە - ياستۇق؛
- بىسسەۋاب — توغرىسى ، توغرىسى بىلەن؛ [ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب --- توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ]؛
- بىسمىل — سويۇش ، بوغۇزلاش ؛ بوغۇزلانغان ، سويۇلغان؛ [نىم بىسمىل --- چالا سويۇلغان]؛
- بىسمىللاھ — بىسمىللاھى ؛ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن؛
- بىسۇبات — چدامسىز؛ غەيرەتسىز؛ تۇراقسىز؛
- بىسۇتۇن — پەرھات قازغان تاغنىڭ نامى (ئىراندا )؛ ئاسمان؛
- بىسۇكۇن — تىنچسىز ، جىم تۇرمايدىغان؛
- بىسۇكۇنلۇق — تىنچسىزلىق ، ئارامسىزلىق ؛ بىقارارلىق ، يەڭگىللىك؛
- بىسۈرەت — ھاقارەتلەنگەن ، دەپسەندە قىلىنغان؛
- بىسىت شەش — يېگىرمە ئالتە
- بىسيار — كۆپ ، مول ، جىق ؛ ئىنتايىن ، بەك؛ تولا؛ بىر تالاي؛ نۇرغۇن. [رەنجى بىسيار --- چىدىغۇسىز ئازاب]؛
- بىسياردان — كۆپ بىلگۈچى ، دانىشمەن ، ئالىم؛
- بىسيارگۇ — جىق گەپ قىلىدىغان ؛ بەك سايرايدىغان؛
- بىش — كۆپ ، ئارتۇق ، زىيادە؛ [بىشۇكەم بىش، كەمۇ بىش --- ئارتۇق - كەم]
- بىشارەت — بىشارەت؛
- بىشە — ئورمان ، توقاي ، جاڭگال ، چاتقاللىق؛
- بىشەئن — ئېتىبارسىز ، ئابرۇيسىز ، شۆھرەتسىز؛
- بىشەبىھ — مىسلىسىز ، تەڭداشسىز ، ئوخشىشى يوق؛
- بىشەرەر — ئەلەنگىسىز ، يالقۇنسىز؛
- بىشەرم — ئۇياتسىز ، ھاياسىز ، ئىزا تارتمايدىغان؛
- بىشەك — شەكسىز ، شۈبھىسىز؛
- بىشەكشۈن — بىشەكشۈن (ئىنگلىزچە: honeydew melon) Cucumis melo دەرەخىنىڭ بىر تۈرىدىن كېلىدىغان تاتلىق ۋە سۇلۇق مېۋە. ئۇنىڭ تېرەسى يېش
- بىشەكىب — بىسەۋرى ، بىتاقەت ؛ سەۋر - تاقەتسىز؛
- بىشەۋكەت — ھەيۋەتسىز ، سۆلەتسىز؛