لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بىسامان — پەرىشان ، ساراسىمىگە چۈشكەن ، گاڭگىراپ قالغان ؛ قىينالغان ،ئازاب چەككەن ؛كۈچسىز، ئاجىز ؛ كەمبەغەل؛
- بىسامانلىق — پەرىشانلىق ، ساراسىمىلىق ، گاڭگىراش ؛ قولى قىسقىلىق ،ئاجىزلىق ، كۈچسىزلىك؛كەمبەغەللىك؛
- بىسان — تەڭدىشى يوق ، خىلى يوق ، ئوخشايدىغىنى يوق؛
- بىساھىب — ئىگەسىز ، ئىگەسى يوق ؛
- بىسەئادەت — بەختسىز ، ئىشى ئوڭمىغان ، ئىقبالسىز؛
- بىسەئادەتلىق — بەختسىزلىك ، ئىقبالسىزلىق؛
- بىسەئيۇ كوشىش — ئىجتىھاتسىز ، تىرىشىپ ھەرىكەت قىلمايدىغان؛
- بىسەئيى — ئىجتىھاتسىز ، ئۇرۇنۇشسىز ، ھەرىكەتسىز؛
- بىسەبات — تەۋرىنىپ تۇرغان ، مۇقىملاشمىغان ، تۇراقلاشمىغان ،قارارسىز؛
- بىسەبر — سەۋرسىز ، ئارامسىز ، تاقەتسىز؛
- بىسەبرلىق — سەۋرسىزلىك ، تاقەتسىزلىك؛
- بىسەر — باشسىز ، رەھبەرى يوق؛ بەڭباش ، بىباش؛
- بىسەراي — جايسىز ، يۇرت - ماكانسىز ، ۋەتەنسىز؛
- بىسەردارانە — قوماندانغا يات ، قوماندانغا ياراشمايدىغان؛
- بىسەرفەلىق — سېخىيلىق ، قولى ئوچۇقلۇق؛
- بىسەرلىق — باشسىزلىق ، باش - باشتاقلىق؛
- بىسەرمايە — سەرمايىسىز ، ھېچنەرسەسى يوق؛
- بىسەرۇ زەبان — جىمىغۇر ، مۆرىمەس ؛ كالۋا ، دۆت؛
- بىسەرۇ سامان — بىچارە ، پەرىشان ، قولى ئىشقا ، ھېچنەرسەسى يوق؛قالايمىقان ؛ باش - ئاياقسىز؛ ھېچنەرسسىز؛ كەمبەغەل.
- بىسەرۇپا/ بىسەرۇپاي — باش - ئاياقسىز ؛ بىباش ، تەلۋە ؛ بىچارە ، بەختسىز، ياردەمسىز ، نامرات؛
- بىسەرۇپالىغ — باش - ئاياقسىزلىق ؛ بىباشلىق ، تەلۋەلىك ؛ بىچارەلىق،ياردەمسىزلىك ، نامراتلىق؛
- بىسەفا — ساپاسىز ، يېقىمسىز ، سىياقسىز ، كۆركسىز؛
- بىسەمەر — مېۋىسىز ، ھوسۇلسىز ؛ پايداسىز ، نەتىجەسىز؛
- بىستام — شەھەر نامى؛