لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بۇقتۇ — يوشۇرۇنغان قىسىم ، پىستىرما (يوشۇرۇن ئەسكەر)؛
- بۇقتۇرماق — پىستىرما (يوشۇرۇن ئەسكەر ) قويساق ؛ مۆكۈندۈرمەك؛
- بۇقماق — يوشۇرۇنماق ، مۆكۈنمەك؛
- بۇكائ — يىغا ، يىغلاش؛
- بۇكەيمەك — پۈكلىمەك ، مۈكچەيمەك؛
- بۇگۈنلىك — بىر كۈنلۈك ، بۈگۈنلۈك؛
- بۇڭ — تار ، قىستاڭ ، دىمىق ؛ قىستاڭلىق ، دەم سىقىلىش؛
- بۇڭالماق — قىسىلماق ، سىقىلماق ، ئەركسىزلەنمەك؛ نەپەسسىزلەنمەك؛
- بۇڭاماق — قىسىلماق ، سىقىلماق ، ئەركسىزلەنمەك؛
- بۇل — ھارۋا چاقى ياكى شۇنىڭغا نەرسەلەرنىڭ كۇگۇسۇنىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يۇمىلاق ياغاچ ياكى تومۇر چەمبەر.
- بۇلئەجەب — ئەڭ قىزىق ، تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ، ئاجايىپ؛
- بۇلئەجەبلىق — تولىمۇ تەئەججۈپلىنەرلىك، قىزىق كۆرۈنۈشلۈك؛
- بۇلئەجەبۋەشلىك — كۆرۈنۈشى تەئەججۈپلىنەرلىك ، قىزىق كۆرۈنۈشلۈك؛
- بۇلئەلا — ئەڭ ئەلا ، ئەلانىڭ ئەلاسى ، ياخشىلىق بىلەن نام قازانغان كاتتا زات؛
- بۇلاق تاز — ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر مەھەللە(ئورۇن)نىڭ ئىسمى؛ يەر-جاي ناملىرى؛
- بۇلاقبېشى — ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر مەھەللە(ئورۇن)نىڭ ئىسمى؛ يەر-جاي ناملىرى؛
- بۇلاڭ
- بۇلاڭچى — قاراقچىلار/بۇلاڭچىلار: زورلۇق ياكى تەھدىد ئارقالىق باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلايدىغان،بۇلايدىغان شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.
- بۇلاڭچىلىق — قاراقچىلىق/بۇلاڭچىلىق: زورلۇق، قورقۇتۇش ياكى تەھدىد ئارقالىق باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش جىنايىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ
- بۇلاماچ — بۇلماق ، ئۇماچ؛
- بۇلاماغ — بۇلماق (ئۇن ، تۇخۇم ، ياغ ۋە ھەسەل ئېلىشتۈرۈلۈپ قىلىنىدىغان بىر خىل تائام)؛
- بۇلاماق — بۇلىماق ، تالىماق؛ ئۇچۇرماق ، سوقماق؛
- بۇلەغائ — ؛«بەلىغ»نىڭ كۆپلۈكى : سۆز سەنئەتكارلىرى ، ماھارەتلىك ئەدىبلەر؛ يېتىلگەن سۆز ئۇستىلىرى؛
- بۇلەند — بۈيۈك ، ئېگىز ، يۇقارى ؛ ئېسىل ، كاتتا؛