لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بۇسماق — توزاق قۇرماق ؛ پىستىرما قۇرماق ؛ يوشۇرۇنماق ، مۆكۈنمەك؛
- بۇسۇ — يوشۇرۇنۇش ، يوشۇرۇنغان يەر ، پىستىرما ، يوشۇرۇن قوشۇن؛
- بۇشار — بېسىم ، تارتقۇلۇق ، كەمبەغەللىك ، مۇھتاجلىق؛
- بۇشماق — ئازارلانماق ، زەرەر كۆرمەك ؛ خاپا بولماق ، ھاياجانلانماق؛
- بۇشۇرغاتماق — غەزەپلەندۈرمەك ؛ ئازابلىماق؛
- بۇشۇرغانماق — غەزەپلەنمەك ، ئاچچىقلانماق ، خاپا بولماق ، دەرغەزەپ بولماق؛ئازابلانماق ،قايغۇرماق؛
- بۇشۇقماق — ھاياجانلانماق، قىزىشماق ، تىت - تىت بولماق ، كەيپسىزلەنمەك؛قايغۇرماق؛
- بۇغ — ھور؛ پار؛
- بۇغا — ھايۋانات تۈرى؛ بۇغا بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، Cervidae(بۇغا ؟؟؟؟) ئائىلەسىگە تەۋە. بۇ ھايۋانلار ئادەتتە نېپىز پۇ
- بۇغاق — دەم سىقىلىش كېسەلى ، بوغۇز يەللىكى؛
- بۇغداي — بۇغداي دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئاشلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدان ئۇن، نان، ماقارون قاتارلىق تاماقلار ياسى
- بۇغدىيەك — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- بۇغرا — ؛1) قوش لوكىلىق تۆگە ؛ نار تۆگە؛ 2)بۇغداينى ئاقلاپ پىشۇرىدىغان ۋە كاتتا زىياپەتلىرىدە تارتىلىدىغان بىر خىل تاماق؛
- بۇغز — ئۆچ ، ئاداۋەت ، دۈشمەنلىك؛
- بۇغۇ — بۇغا ؛ كىيىك ئائىلەسىگە تەۋە؛ ھايۋانات تۈرى؛
- بۇغۇن — ھەرە(ھاشارەت)؛
- بۇق — تەن ، گەۋدە، جۇغ؛
- بۇقئە — جاي ، ماكان ، سورۇن ، مەيدان ؛ خانىقا ، ساراي قاتارلىق چوڭ سورۇنلۇق جايلار؛
- بۇقا — "بۇقا" (Bos taurus) سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىغا تەۋە، Bovidae ئائىلەسىدىكى چوڭ ھايۋان بولۇپ، ئادەتتە ئۆكۈزنىڭ ئەركىكىنى كۆرس
- بۇقال — چېگرا ساقچىسى ، تەقىپ قىلغۇچى ؛ قاماققا ئالغۇچى؛
- بۇقاۋۇل — يوشۇرۇنغان قىسىم ، پىستىرما ؛ چېگرا قوغدىغۇچى قىسىم؛
- بۇقاۋۇل تامغاچى — چېگرا باجگىرى؛
- بۇقەلەمۇن — بېشىدىن قۇيرۇقىغىچە بەش - ئالتە خىل رەڭگى بار ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان بىر خىل قۇش؛ خامېلېئون ؛ ئۆزگىرىشچان ، تۇراقسىز،سۆز
- بۇقەلەمۇنليق — ئۆزگىرىشچانلىق، تۇراقسىزلىق ، نەيرەڭۋازلىق؛