لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بۇرۇن(ھېچ ۋاقىت) / ھەر ۋاقىت — ؛(1)سوئال ۋە ئىنكار جۈملىلىرىدە: "بۇرۇن" مەناسىدە، بىر ئىشنىڭ بىرەر ۋاقىتتا يۈز بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، "Have
- بۇرۇنچەك — ئىنچىكە يىپەكتىن توقۇلغان رومال ؛ يىپەك چۈمبەل ؛ يەڭگىل يېپىنچا؛
- بۇرۇندالىق — نوختا ، يۈگەن؛
- بۇرۇندۇق — تۆگە نوختىسى؛
- بۇرۇنلىق — بۇرۇنلۇق ، بۇرۇنغا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياغاچ؛
- بۇرىدە — كېسىپ تاشلانغان نەرسە ، كېسىك ، پۇرۇچ ؛ پارچە ، پارچە - پۇرات؛
- بۇزاغۇلۇق — موزايلىق؛
- بۇزر — ئۇرۇق ، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ؛ بالا ، پەرزەنت؛
- بۇزروغان — گۇرزى ، كالتەك؛
- بۇزغۇن — خارابە، ۋەيرانە؛
- بۇزكۇش — ؛(1) ئۆچكە سويغۇچى قاسساپ ؛ ئوغلاقچى ؛ (2)ئەرزىمەس نەرسە ئۈچۈن جېدەل قىلغۇچى، پەسكەش؛
- بۇزۇرگ — چوڭ ، ئۇلۇغ ، كاتتا ، ھۆرمەتلىك؛
- بۇزۇرگزادە — يۇقارى تەبىقە كىشىسى ، كاتتىلار ئەۋلادى؛
- بۇزۇرگلۈك — ئۇلۇغلۇق ، كاتتىلىق؛
- بۇزۇرگۋار/بۈزرۇكۋار — ئۇلۇغۋار ، ئاتاقلىق ، ھۆرمەتلىك؛
- بۇزۇغ — بۇزۇق ، ۋەيرانە ، خاراب . غەمكىن ، قايغۇلۇق ، پەرىشان ، مىسكىن؛
- بۇزۇغچىلىق — بۇزغۇنچىلىق؛
- بۇزۇغلۇق — ۋەيرانچىلىق ، خارابلىق ؛ مەغلۇبىيەت ، قاچ - قاچ ؛ بۇزغۇنچىلىق؛
- بۇزۇغلۇق قىلماق — بۇزغۇنچىلىق قىلماق؛
- بۇزۇق كۇلبە — ۋەيرانە ئۆي
- بۇزۇلماق — ۋەيران بولماق ، تىرە - پىرەن بولماق ؛ مەغلۇپ بولماق ؛ بۇزۇلماق؛ئىسيان كۆتۈرمەك؛
- بۇستۇرماق — پىستىرما قويماق، يوشۇرۇن قوشۇن ئورۇنلاشتۇرماق؛
- بۇسراق — بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك؛
- بۇسقۇ — پىستىرما ، يوشۇرۇن قوشۇن؛