لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بۇلەندى — ئېگىزلىك ، ئېگىز يەر ؛ ئۇزۇنلۇق ؛ ئۇلۇغۋارلىق؛
- بۇلباد — كونا ، قەدىمقى؛ خارابە ، ۋەيرانلىق؛ [سپەھرى بۇلباد --- كونا پەلەك؛
- بۇلبەشەر — ئىنسانلار ئاتىسى ، ئادەمئاتا؛
- بۇلبۇلە — بوينى ئۇزۇن شىشە ، مەي كوزىسى ، مەي قاچاسى ؛ مەي قۇيۇلغان چاغدىكى«كور - كور»ئاۋاز؛
- بۇلبۇلى شەيدا — بېرىلگەن ئاشىق؛ پىغان قىلغۇچى بۇلبۇل؛
- بۇلتۇر
- بۇلجار/بۇلجال/ بۇلچار — قوشۇننىڭ يۈرۈشكە توپلانىشى ئۈچۈن بەلگەلەپ بېرىلگەن ئورۇن ۋە ۋاقىت؛ بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن مۆھلەت ؛ ئۇرۇشتا قوغداش ياكى
- بۇلدان — ؛«بەلەد»نىڭ كۆپلۈكى : شەھەرلەر ، رايونلار ، مەملىكەتلەر؛
- بۇلدوزا — توپا تۈرتۈش ماشىناسى؛ "Bulldozer" (بۇلدوزا) دېگەن سۆز قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان، يەر تەكشىلەش، تۇپراق ياكى باشقا م
- بۇلغار — تېرە ؛ كۆن؛
- بۇلغارىيە — بۇلغارىيە جەنۇب-شەرقىي ياۋروپادا، بالقان يېرىم ئارالىدا جايلاشقان دەۋلەت. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھەرى سوفىيە (Sofia). روم
- بۇلغاشماق — قوزغىلاڭ قىلماق ، توپىلاڭ چىقارماق؛
- بۇلغاغ — پىتنە ، غوۋغا ، توپىلاڭ ، پاراكەندىچىلىك؛
- بۇلغاماق — ئارىلاشتۇرماق ، قالايمىقان قىلماق؛
- بۇلغانچۇغلۇق — توپىلاڭ ، قالايمىقانچىلىق؛
- بۇلغانچۇق — بۇلغانچىق؛
- بۇلغانچۇلىق — توپىلاڭ ، قوزغىلاڭ ؛ پىتتە - پاسات ؛ پاسكىنچىلىق ، بۇلغىنىش؛
- بۇلغانچىق — دۇغلۇق ، بۇلغانغان ؛ قالايمىقان، بۇزۇلغان؛
- بۇلغانماق — بۇزۇلما ، توپىلاڭ كۆتۈرمەك ، غوۋغا قىلماق ؛ غۇۋالاشماق ، بۇلغانماق؛
- بۇلغانۇق — قالايمىقان ، بۇزۇلغان ؛ بۇلغانغان ، دۇغلۇق ، غۇۋا؛
- بۇلغانۇقلۇق — توپىلاڭ ، ئىسيان ، بۇلاڭ - تالاڭ ، دەھشەت؛
- بۇلغاۋۇچ — ئارىلاشتۇرغۇچ؛
- بۇلغۇن — ئەسىر ، قولغا چۈشكەن؛
- بۇلغۇن — بۇلغۇن--(سۇ بۇلغۇنى دەپمۇ ئاتىلىشى مۇمكىن) سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، كىچىك، نېپىز تەنلىك، تېرەسى يۇمشاق ۋە قىممەتلىك بول