لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەلەندى — بۇلەندى؛
- بەلتۈتە قىلماق — مۇقىم بولماق ، ئولتۇراقلاشماق ، ئورۇنلاشماق؛
- بەلغەم — Expectoration(ئىسىم)--ئاغىز ياكى نەپەس يولى ئارقالىق بەلغەم، خەلتە ياكى باشقا سۇيۇقلۇقلارنى يۆتەل قىلىپ چىقىرىش جەريانىن
- بەلگۈ — بەلگە ، نىشان؛
- بەلگۈرمەك — كۆزگە كۆرۈنمەك ، گەۋدىلەنمەك؛
- بەلگۈلۈك — بەلگەسى بار ، نىشانلىق ؛ مەشھۇر،داڭلىق؛
- بەللاق — بەلباغ؛
- بەلى — شۇنداق ، توغرا ، دۇرۇس؛
- بەلىن — قۇرغۇي؛
- بەلىيەت — بەختسىزلىك؛ مۇشەققەتلەر؛ قايغۇ؛ جاپالار.
- بەلىييات — ؛«بەلىييەت»نىڭ كۆپلۈكى: ئازارلار ، مۇشەققەتلەر ،بالالار ، مۇسىبەتلەر؛
- بەلىييە/بەلىييەت — بالا ، ئاپەت ، بەختسىزلىك ، قايغۇ؛
- بەم — چالغۇلارنىڭ چوڭ ئاۋازى ، مۇزىكادىكى تۆۋەن ئاۋاز ، بوڭ؛
- بەمتول مەئمۇر — ئاۋات ئۆي؛
- بەنات — ؛«بنت»نىڭ كۆپلۈكى : قىزلار؛
- بەناتۇننەئش — يۇلتۇزلار توپى؛
- بەناگوش — قۇلاقنىڭ ئاستىنقى يۇمشاق قىسمى؛
- بەنان — قول - پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۇچى ، بارماق ئۇچى؛
- بەنت — ئىگىلىنىپ بولۇش؛ باغلىنىپ قالماق؛
- بەند — باغلىق ، ئارغامچا ، زەنجىر ؛ چېتىق ، كىشەن ؛ ئىسكەنجە ؛ قاماق ، تۇتقۇنلۇق؛ توسالغۇ،كاشىلا ؛ توسما ، توغان ؛ ئۆتكەل ، داۋ
- بەندان — سۆز بىرىكمەلىرىدە «تۇتقۇن ئادەم ، ئەسىر ، قامالغان» دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ؛ [ قەلئە بەندان --- قامال ، مۇھاسىرە]؛
- بەندە — قۇل ؛ تۆۋەن قاتلامدىكى ئادەم ، كەمىنە ، پېقىر؛
- بەندە بەست — مەھكەم باغلانغان ، چىڭ بېكەتىلگەن؛
- بەندە نەۋاز — بىچارە پەرۋەر ، قۇلنى پەرۋىش قىلغۇچى ، ئۆز قول ئاستىداكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغۇچى؛