لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەگەنمەك — بەكەنمەك؛
- بەگتەر/بەكتەر — ساۋۇت ؛ مېتالدىن ئىشلىنىپ ، ئۈستىگە مەخمەل ياكى كىمخاپ قاپلانغان ساۋۇت؛ [سۆز جەۋشەنۇ بەگتەرى -- شېئىرىيەتنىڭ ئوق ئۆتمەس
- بەگزادە — بەگ بالاسى ، تۆرە ئەۋلادى؛
- بەگىم — پادىشاھ ئاياللارنىڭ ھۆرمەت ئاتالمىسى؛
- بەڭ — نەشە؛ زەھەرلىك چېكىملىك.
- بەڭزەمەك — ئوخشىماق ، ئوخشاش بولماق؛
- بەڭگە دىۋانە — زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ دانى؛
- بەڭىز — شەكىل ؛ يۈز ، قىياپەت ، مەڭىز؛
- بەل — ؛«بەلكى» سۆزىنىڭ قىسقارتماسى؛
- بەلا — ئاپەت ، زىيان ، بالا؛ [بەلا ئەنگىز --- بالا قوزغىغۇچى ، بالا كەلتۈرگۈچى ، پالاكەت كەلتۈرگۈچى]؛
- بەلابىل — «بۇلبۇل»نىڭ كۆپلۈكى : بۇلبۇللار؛
- بەلاجوي/بەلاجو — بالا تىلىگۈچى ، بالا - قازا ئىزدىگۈچى ، پىتنە تېرىغۇچى؛
- بەلارەك — پارقىراق تىغ ، ئۆتكۈر قىلىچ؛ [بەلارەك زەربەتى --- ئۆتكۈر قىلىچ زەربىسى]؛
- بەلاغەت — يېتىلىش ، ۋايىغا يېتىش ، بالاغەت ؛ تىل بىلەن ئىپادەلەش جەھەتتىكى يېتىكلىك،بەدىئىي ئىپادەلەش ماھىرلىقى،ناتىقلىق؛ [ بەلاغە
- بەلاغەت ئاسار — پازىل ، پەزىلەتلىك؛
- بەلاغەت ئايىن — پاساھەتلىك ، بەدىئىي ئىپادىلىك؛
- بەلاغەت شىئار — سۆزمەن ، تىل ئۇستاسى ، ناتىق ؛ بەدىئىي تىل ماھىرى؛
- بەلاغەت مەئاب — تىل ئۇستاسى ، ناتىق ، بەدىئىي تىل ماھىرى؛
- بەلاكەش — بالاغا قالغان، جاپا چەككۈچى ، ئازاب تارتقۇچى ، جاپاكەش؛
- بەلاكەشلىك — جاپاكەشلىك؛
- بەلاھەت — ساددىلىق ، مۇلاھىزىسىزلىك ، دۆتلۈك؛
- بەلەد — شەھەر ، رايون ، مەملىكەت؛
- بەلەدە — شەھەر ، ناھىيە؛
- بەلەنت — يۇقارى؛ئېگىز؛ ئۇزۇن؛ ئوۋچى؛ كاتتا؛ زو؛