لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەغر — باغر؛
- بەغل — خېچىر؛
- بەفەرق — باشقا؛ [ قەدەم تابەفەرق -- پۇتتىن باشقا ،باشتىن - ئاخىر]؛
- بەفت — توقۇلما ، توقۇلغان؛ [زەربەفت --- زەردىن توقۇلغان ، زەرباپ]؛
- بەقا — تىرىكلىك ، مەۋجۇتلۇق ؛ ئەبەدىيلىك ، باقىيلىق؛ [بەقاكامى --- باقىيلىق تىلىكى]؛ [بەقاسەر چەشمەسى --- ئەبەدىيلىك بۇلىقى ، م
- بەقاسىز — تۇراقسز؛ مەڭگۇلۇك ئەمەس.
- بەقاۋۇل — پادىشاھ؛ ئەمىرلەرنىڭ شەخسىي خىزمەتىنى قىلغۇچى؛
- بەقايا — ؛«بەقىييە»نىڭ كۆپلۈكى : قالدۇق نەرسەلەر ، قالدۇقلار ، ئېشىندىلار؛
- بەقەسەم — يىپەكتىن توقۇلغان تونلۇق رەخت.
- بەقەم — قىزىل رەڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر خىل دەرەغ ؛ قىزىل بوياق؛
- بەققال — يېمەكلىكلەر ساتىدىغان سودىگەر ؛ مېۋە - چېۋە سودىگىرى ، باققال؛
- بەقلى ھەمقا — سېمىزئوت ؛ يول ئۈستىدە ئۆسىدىغان ئوت ، جاي تاللىمايدىغان چۆپ؛
- بەقىييە — قالدۇق نەرسە ، ئېشىپ قالغان نەرسە ، قالدۇق؛
- بەكارەت — قىزلىق ، ئىپپەت؛
- بەكە
- بەكەنمەك — ياقتۇرماق ، لايىق كۆرمەك ، خۇش كۆرمەك ، ماقۇللىماق . بەگەنمەك؛
- بەكرى — ئەڭ ئاخىرقى دەرەجەدە ئىشرەتكە مۇپتىلا بولغۇچى.
- بەكزەبان — بىر سۆزلۈك ، گەپنى بىرلا قىلغۇچى ؛ پىكىر بىرلىكى ، ھەممەيلەن تەڭلا ئېيتقان (گەپ) ؛ ھەممە بىر نىيەتتە؛
- بەكىشمەك — چىڭىماق ، مۇستەھكەملەنمەك؛
- بەكىك — بەكىتىلگەن ، بەكىتىكلىك ؛ ئېتىكلىك ، ئېتىك؛
- بەكىنمەك — چىڭىماق ، مۇستەھكەملەنمەك؛
- بەگ — ھۆكۈمدار قول ئاستىداكى يۇقارى دەرەجەلىك ئەمەلدار؛ بۇ ئاتالغۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا "بىك، بەك" دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. كىي
- بەگئەتكە — كىچىك شاھزادىنى تەربىيەلەش ۋە قوغداشقا مەسئۇل قىلىنغان بەگ؛
- بەگات — بەگلەر؛