لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەسمە — رەختلەرنىڭ چۆرىسىگە گۈل باسىدىغان قېلىپ ، باسما؛ [بەسمە قىلماق -- گۈل باسماق]؛
- بەسى — كۆپ ، ئىنتايىن كۆپ ؛ ئىنتايىن ، بەك؛ نۇرغۇن؛ زىيادە. [بەسى مۈشكۈل --- بەك قىيىن ، ئىنتايىن تەس]؛
- بەسىت — ؛1) يېيىلغان ، ئېچىلغان ، ئوچۇق ؛ كەڭ - كۇشادە؛ 2)ئاددىي ، ئوڭاي؛ [جەۋاھىرى بەسىت --- ئاددىي گۆھەرلەر]؛ 3) ئارۇزدا بىر ب
- بەسىر — ئۆتكۈر كۆزلۈك ، ئىنتايىن سەزگۈر ؛ ئەقىللىق ؛ تالانتلىق؛
- بەسىرەت — كۆرۈش ، كۆرۈش قۇۋۋەتى؛ زېرەكلىك ، سەزگۈرلۈك ، ئۆتكۈر زېھىن ، پاراسەت ، ئىدراك؛ [بەسرەت كۆزى --- ئۆتكۈر كۆز]؛ [كۈھلى بەسر
- بەسىم — كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، ئوچۇق يۈزلۈك]؛
- بەش — بەش ؛[بەشگەنچ -- بەش خەزىنە؛ نەۋائىينىڭ «خەمسە»سى]؛ [بەش ھىس -- بەش سەزگۈ: كۆرۈش ، ئاڭلاش ، تېتىش ، پۇراش، سىلاپ بېقىش]؛
- بەشارەتلىك — بىشارەتلىك؛
- بەشاشەت — خۇشاللىق . خۇرسەنلىك ، ئوچۇق چىرايلىق؛
- بەشاق — باشاق؛
- بەشام — شامغىچە ، كېچىگىچە ، تۈنگىچە؛
- بەشەر — ئادەم ، كىشى ، ئىنسان؛ [نەسلى بەشەر -- ئادەم نەسلى ، ئىنسان ئەۋلادى]؛ [ھادىمى بەشەر --- ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى]؛
- بەشەرىيەت — ئىنسانلىق؛ ئىنسانلىق ھال؛
- بەشەرىييەت — ئىنسانىيەت ، كىشىلىك ، ئىنسانلىق؛
- بەشەك — شۈبھىلىك ، گۇمانلىق ، شەكلىك؛
- بەشەۋ — بەش، بەشەيلەن؛
- بەشىر — خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى ، شادلىق خەۋىرى ئالىپ كەلگۇچى؛
- بەشىركەت — شېرىك ، شېرىكلەشكەن؛
- بەشىنچ — بەشىنچى؛
- بەشىنچى — بەشىنچى؛ [ بەشىنچى مەمالىك -- بەشىنچى مەملىكەت، بەشىنچى ئاسمان]؛ [بەشىنچى قورغان قەھرەمانى -- مىررىخ يۇلتۇزى]؛
- بەغايەت — ناھايىتى ، قالتىس ، ئىنتايىن ، غايەت؛
- بەغەل — قولتۇق ، قويۇن ؛ كۆكرەك؛ [بەغەل كۇشاي -- قوينىنى ئېچىش، باغرىنى ئېچىش]؛
- بەغەير — باشقا ، بۆلەك ، ئۆزگە؛
- بەغدادىي — باغدادلىق؛