لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەرىييە — خەلق ، ئىنسان؛
- بەريان — كاۋاپ بولغان ، قورۇلغان ؛ كاۋاپ؛
- بەزەھ — گۇناھ ، جىنايەت ؛ خاتالىق ، ئەيىب؛
- بەزل — تىرىشچانلىق ، ئىجتىھات ؛ ئىنئام ، ئېھسان ، بەخشىش ؛ سېخىيلىق؛ [بەزل ئەتمەك -- ئىنئام قىلماق ؛ تىرىشماق]؛
- بەزلە — لەتىپە ، چىرايلىق ھەم يېقىملىق سۆز ؛ شېئىرنى تەسىرلىك ئوقۇش؛
- بەزلەسەنچ — گۈزەل سۆزلەر ئۇستاسى ، ماھارەتلىك شائىر ، پاساھەتلىك سۆزلەگۈچى؛سۆزمەن؛
- بەزلەگۇي/بەزلەگۇ — لەتىپە ئېيتقۇچى ، ھەزىلكەش ؛ مەسخىرىۋاز ؛ كىشىنى كۈلدۈرگۈچى ؛ ھېكايىچى؛
- بەزلۇ جۇھد — تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات؛
- بەزم — ئولتۇرۇش ، كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى ، بەزمە؛
- بەزم ئارا — ئولتۇرۇشقا زىننەت بەرگۈچى ، ئولتۇرۇشنى قىزىتقۇچى ، بەزمەنى قىزىتقۇچى؛
- بەزم ئارالىق — بەزمە قىزىتقۇچىلىق ، ئولتۇرۇشنى قىزىتىش؛
- بەزم ئەفروز — بەزمەنى قىزىتقۇچى؛
- بەزمەك — زېرىكمەك؛ تويماق؛
- بەزمگاھ/بەزمگەھ — بەزمە جايى، بەزمە سورۇنى؛ بەزمەلىك ئولتۇرۇش؛
- بەزىل — ئېھسان؛
- بەس — 1)كۇپايە ، يېتەرلىك ؛ تامام؛ [بەس ئەيلەمەك، بەس قىلماق -- تاماملىماق ، تۈگەتمەك ،توختاتماق ، بولدى قىلماق؛ 2) كۆپ، غايەت
- بەسا/بەسە — ؛1) كۆپ ، خېلى ؛ كۆپىنچە ؛ خېلى كۆپ؛ 2)كېيىن . ئاندىن كېيىن ؛ خوش ، شۇنداق قىلىپ؛
- بەساتىن — «بوستان» نىڭ كۆپلۈكى : بوستانلار ، گۈلباغلار؛ مېۋىلىك دەرەخلىكلەر؛
- بەسارەت — كۆزى ئۆتكۈرلۈك، ئالىملىق، بىلەرمەنلىك؛ [بەسارەت ئەھلى -- ئۆتكۈر كۆزلۈكلەر،بىلەرمەنلەر، ئالىملار]؛
- بەسالەت — باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق ؛ جۈرئەت ، شىجائەت؛
- بەسەر — ؛1) كۆز ؛ كۆرۈش ، كۆرۈش قۇۋۋەتى. 2)تۈگىتىش، نەتىجەلەش؛ [بەسەر ئەيلەمەك، بەسەر قىلماق -- تاماملىماق ، ئاخىرلاشقۇرماق]؛
- بەست — 1) يېيىش ، كېڭەيتىش ، ئېچىش ، سېلىش ؛ ئېچىلىش - يېيىلىش،خۇرسەنلىك؛ [بەست ئەتمەك، بەست قىلماق -- يايماق ، سالماق،خۇرسەن ق
- بەستە — باغلانغان ، بەند؛ [ پايبەستە -- پۇتى چۈشەلگەن، تۇتقۇن]؛ [دەست بەستە --- قولى باغلانغان]؛
- بەستفىزاي — شادلىقنى ئاشۇرغۇچى؛