لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەرگرىزان — خازان بولۇش ، ياپراقلار تۆكۈلۈش ؛ كۈز؛
- بەرگۇستۋان — ئوق ئۆتمەس كىيىم ؛ ئوق ئۆتمەس ساۋۇت ؛ ئوق ئۆتمەس يوپۇق؛ ئات ساۋۇتى ،كېجىم]؛
- بەرگۇستۋاندار — ساۋۇتلۇق جەڭچى؛
- بەرگۈ — سىلق؛ بېرىلىدىغان ، بېرىش لازىم بولغان نەرسە؛ [ئالغۇبەرگۈ -- ئالغۇ - بەرگۈ ، ئېلىش - بېرىش]؛
- بەرگۈزىدە — ئىلغار ، سەرخىل ، تاللىۋېلىنغان ، تاللانغان ، خىللانغان؛
- بەرگۈزىن — تاللانغان ، سەيلەنگەن ، خىللانغان؛ [بەرگۈزىن ئەۋقات -- ياخشى ۋاقىتلار،بەلەن چاغلار]؛
- بەرگۈنەۋا — ھوسۇل ۋە شادلىق، شاد تۇرمۇش ، ياخشى تۇرمۇش؛
- بەرگى بار — بايلىق ، ھوسۇل؛
- بەرگى كاھ — سامان پارچەسى ،تەننىڭ تولىمۇ زەئىپلىكى؛
- بەرلاس — بارلاس؛
- بەرلى — بېرى ، بۇيان؛
- بەرمەك — بەرمەك ، بېغىشلىماق؛ [دەست بەرمەك -- مۇيەسسەر بولماق،ئېرىشمەك، ھاسىل بولماق؛يۈز بەرمەك]؛
- بەرمەھەل — ئۆز ۋاقتىدا ، دەرھال ، تېزلا؛
- بەرنا — ياش ، گۈزەل ، چىرايلىق ؛ ياش يىگىت ، مەرت يىگىت؛ قەددى-قامىتى كېلىشكەن؛ ياش كېلىنچەك؛ يېقىملىق.
- بەرھەق — ھەق ، ھەققانىي ، چىن ، راست ، توغرا؛
- بەرھەم — ؛1) ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش ، ئاغدۇرۇش، يوقاتىش ، نابۇت قىلىش،يوقۇلۇش . [بەرھەم ئۇرماق -- ئاغدۇرماق ، بۇزماق ، ئاستىن - ئۇ
- بەرھەمەن — بەرەھمەن؛
- بەرومەند — بەھرىمەن بولغۇچى ، پايدىلانغۇچى ؛ ھوسۇللۇق؛
- بەرومەندلىق — بەھرىمەنلىك ، پايدىلىنىش؛
- بەرى — ئازاد ، خالاس ، خالىي؛ [بەرى ئەيلەمەك -- قۇتقۇزماق، ئازاد قىلماق]؛ [بەرى بولماق -- ئازاد بولماق ، خالاس تاپماق ، قۇتۇلما
- بەرىد — خەت توشۇغۇچى ، خەت - خەۋەر يەتكۈزگۈچى؛
- بەرىكەت — Abundance(ئىسىم)--بىر نەرسەنىڭ ئىنتايىن كۆپ، مول ياكى ھاجەتىدىن ئېشىپ بارلىقىنى، ھېچ كەمچىلىكى بولماي زور مىقداردىكى مەۋ
- بەرىكمەك — چىڭىماق ، بەكىمەك ، مۇستەھكەم بولماق؛
- بەرىن — يۇقارى ، يۈكسەك ؛ ئېگىز؛ ئەلا؛ [چەرخى بەرىن -- ئېگىز ئاسمان]؛