لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەرقرەفتار — چاقماقتەك تېز يۈرىدىغان؛
- بەرقرەۋ — چاقماقتەك تېز چاپىدىغان؛
- بەرقفام — چېقىن تۈسلۈك ، چېقىندەك؛
- بەرقكىردار — چاقماقتەك ، چاقماق سۈپەت؛
- بەرقگام — چاقماقتەك تېز يۈرىدىغان؛
- بەرقۋار — چاقماقتەك ، چېقىنغا ئوخشاش؛
- بەرقۋەش — چاقماققا ئوخشاش ، چاقماقتەك؛ ئىنتايىن چاپقۇر؛
- بەرقى ئافەت — ئاپەت چېقىنى ، ئېغىر ئاپەت؛
- بەرقى جەھانسوز — جاھاننى كۆيدۈرىدىغان چاقماق؛
- بەرقى رەخشان/بەرقى رەخشەندە — پارلاق چېقىن؛ تىنىق مەي؛
- بەرقى لامىئ — پارلاق ، نۇرلۇق چاقماق؛
- بەرك/بەرىك — قاتتىق ، مۇستەھكەم ؛ يوشۇرۇن ، مەخپىي، خىلۋەت؛ [ بەرك تۇتماق -- مەھكەم تۇتماق،مەھكەم ساقلىماق (ئىشىكنى ، سىرنى )]؛ [بەرك
- بەركە — بىركە؛
- بەركەندە — قومۇرۇلغان ، يىمىرىلگەن ؛ سۇغۇرۇلغان؛
- بەركەندەلىك — قومۇرۇلغانلىق ، يىمىرىلگەنلىك؛
- بەركىتمەك — بېكىتمەك ، ياپماق ، ئەتمەك ؛ توسماق ؛ قاقماق ، چىڭىتماق؛مەلۇم بىر جايغا پاناھلىنىپ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسەتمەك؛ [ ئۆز كەمەن
- بەركىرمەك — چىڭىماق، كۈچەيمەك؛
- بەركىشمەك — جايلاشماق ، مەھكەم ئورناشماق ، جىپسىلاشماق؛ يېپىشماق؛
- بەركىلمەك — بېكىنمەك ، بېكىنىپ قارشىلىق كۆرسەتمەك؛
- بەركىمەك — چىڭىماق ، بەكىمەك ، مۇستەھكەملەنمەك؛ مەلۇم بىر جايغا پاناھلىنىپ قارشىلىق كۆرسەتمەك؛ توسۇلماق ، ئېتىلمەك ؛ ئىلىنماق؛ [دام
- بەرگ — ؛1)ياپراق ، بەرگ؛ 2) قورال - جابدۇق ، سايمان ، ئەسۋاب ؛ بىزەك ، پەداز بۇيۇملىرى؛لازىمەتلىكلەر ، بۇيۇملار؛ 3)مېۋە ، سەمەر
- بەرگ رىز — ياپراق تۆككۈچى ؛ كۈز؛ [بەرگ رىز بولماق -- خازان بولماق ، غازاڭ تۆكۈلمەك ، كۈز بولماق]؛
- بەرگەشتە — قايتىپ كەلگەن، ئارقىغا يانغان ؛ ئۆزگىرىپ كەتكەن ؛ ئىسيان كۆتۈرگەن ؛ تەتۈرىسىگە ياندۇرۇلغان ، ئۆرۈلگەن؛
- بەرگەشتەلىك — ئايلانغانلىق ، قايتقانلىق ، ئارقىغا كەتكەنلىك ؛ ئۆزگىرىش ،ئاينىش؛