لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەرخى — بىرئاز ، قىسمەن؛
- بەرد — سوغۇق؛
- بەردار — (سۆز بىرىكمەلىرىدە «ئۈستىگە ئالغۇچى ، قوبۇل قىلغۇچى ، بېجىرگۈچى»دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ )؛ [فەرمان بەردار -- بويسۇنغۇچى ،
- بەردەئ — ئەزەربەيجاندىكى بىر ۋىلايەت؛
- بەردەتمەك — قوبۇل قىلماق ، ماقۇللىماق ، ماقۇل كۆرمەك؛
- بەردەۋام — دائىم ، داۋاملىق ، ئۈزۈكسىز؛ [بەردەۋام بولماق -- داۋاملاشماق ، ئۈزۈكسىز بولماق]؛
- بەردوش — يەلكىدە ، يەلكىگە؛
- بەردۇلئەجۇز — قىشنىڭ ئاخىرىدا بولىدىغان قاتتىق سوغۇق؛
- بەردى مۇفرىت — قاتتىق سوغۇق؛
- بەرر — قۇرۇقلۇق ، يەر يۈزى؛
- بەرراق — پارلاق ، شانلىق ، نۇرلۇق ، پارقىراق؛
- بەررۇبەھر — يەر ۋە سۇ ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز؛
- بەررى ئەرەب — ئەرەب دىيارى ، ئەرەبىستان؛
- بەررىييە — قۇرۇقلۇقنىڭ ، دۇنيانىڭ قۇرۇقلۇق قىسمىغا تەئەللۇق؛
- بەرز — ئېكىن ، تېرىلغۇ ؛ تېرىلغۇ يەر؛
- بەرزەخ — ئىككى نەرسەنىڭ ئارىلىقى ، ئارىلىق جاي (مەسىلەن ، جەننەت بىلەن دوزاخ ئارىلىقى - ئەئراف)؛
- بەرزەگەر — ئۇرۇق چاچقۇچى ، دېھقان ، ئېكىن ئەككۈچى؛
- بەرف — قار؛
- بەرق — چاقماق ، چېقىن ،ئوت ، يانغىن؛ [بەرق چاقماق -- چېقىن چاقماق]؛
- بەرق ئاسا — چاقماقتەك ؛ ئىنتايىن تېز؛
- بەرقەرار — ئورناشقان ، مەھكەم جايلاشقان ، تۇرغۇن؛
- بەرقەندان — بارات ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا رامىزاننىڭ يېقىنلىشىش مۇناسىۋەتى بىلەن قىلىنىدىغان بەزمە ۋە سۆھبەت؛
- بەرقخو — چاقماقتەك ، چاقماق سۈپەت؛ [رەخشى بەرقخو -- چاقماقتەك تېز چاپىدىغان ئات]؛
- بەرقخىز — چاقماقتەك تېز، چاقماق چاقناتقۇچى؛ [بۇراقى بەرقخىز -- ئۇچقۇر ئات ، چاقماقتەك تېز چاپىدىغان ئات]؛