لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەرەكەت — موللۇق ، بايلىق ، پاراۋانلىق ، خەيرلىك ، ياخشىلىق ، بەخت؛
- بەرەڭگە — كۆكتات تۈرى؛
- بەرەنداختە — ۋەيران ، سورۇلغان، ئاغدۇرۇلغان؛ [بەرەنداختە قىلماق -- ۋەيران قىلماق]؛
- بەرەنداز — (سۆز بىرىكمەلىرىدە ئاغدۇرغۇچى ، بۇزغۇچى ، ۋەيران قىلغۇچى مەنالىرىدە كېلىدۇ)؛ [خانە بەرەنداز قىلماق -- خانىۋەيران قىلماق]
- بەرەندە — يېتەكچى ، باشلامچى؛ [ بەرەندە راھ -- يول كۆرسەتكۈچى ،يېتەكچى]؛
- بەرەھمەن — ئاتەشپەرەسلەر بۇتخانىسىنىڭ روھانىيسى؛
- بەرەھنە — يالىڭاچ ، قىپيالىڭاچ ، كىيىمسىز ؛ يوقسۇل؛
- بەربات — خاراپ؛ يوق بولماق؛ تۈگەشمەك؛
- بەرباد — شامالغا ، ھاۋاغا ، يوققا؛ [بەرباد بولماق -- يوققا چىقماق،شامالغا يەم بولماق]؛
- بەربەت — ئۆردەك شەكلىدە ياسالغان قەدىمقى چالغۇ ئەسۋابى؛ چالغۇ ئەسۋاب تۈرى؛
- بەربەتزەن/بەربەتنەۋاز — بەربەت چالغۇچى؛
- بەربۇنيادلىق — ئاساسلىق ، پۇختا ئاساسقا ئىگە بولغان؛
- بەرپا — بار بولماق.
- بەرتەرەف — چەتتە ، ئوتتۇرىدىن چىققان ، چەتكە چىققان؛ [بەرتەرەف بولماق -- ئەمەلدىن قالماق،يوق بولماق]؛ [بەرتەرەف قىلماق -- ئەمەلدىن
- بەرتەقدىر — ئاخىرىدا، ئاقىۋەتتە ، نەتىجەدە ؛ مەسىلەن؛
- بەرجا — ئورۇنلۇق ، مۇناسىپ ؛ تەۋرىمەس ، مۇستەھكەم ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان؛
- بەرجاماندە — بىر جايىدىن مىدىرلىمىغان ، بىر جايىدىلا تۇرغان؛
- بەرجەستە — چوخچىيىپ تۇرغان ، كۆزگە ئوچۇق چېلىقىپ تۇرغان؛ داڭقىلىق، مەشھۇر ، ئاتاقلىق؛
- بەرجەستەلىق — چوخچىيىپ تۇرۇش ؛ مەشھۇرلۇقى؛
- بەرچىن — بۇرچىن؛
- بەرخ — نېسىۋە ، ھەسسە ، ئۈلۈش ، قىسمەت؛
- بەرخەبەر — خەۋەردار ، خەۋەر تاپقان ، بىلگەن؛ [بەرخەبەر بولماق -- خەۋەردار بولماق]؛
- بەرخوردار — پايدىلانغۇچى، بەھرىمەن بولغۇچى؛ لايىق ، مۇناسىپ؛ رازى،مەمنۇن، خۇشال ، بەختىيار؛
- بەرخوردارلىق — بەھرىمەنلىك، مەمنۇنلۇق ، رازىلىق ، بەختىيارلىق؛ مۇناسىپلىق؛