لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەندەخانە — قۇلنىڭ ئۆيى (كەمتەرلىك يۈزىسىدىن «مېنىڭ ئۆيۈم» سۆزى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ)؛
- بەندەزادە/بەندەزاد — قۇل بالاسى ، قۇلدىن بولغان ، قۇلدىن تۇغۇلغان؛
- بەندەلىك — قۇللۇق ، خىزمەتكارلىق ، خادىملىق؛ [ بەندەلىك قىلماق --- قۇللۇق قىلماق،تەقدىرگە بويسۇنۇپ تىرىكچىىلىك قىلماق]؛
- بەندەۋار/بەندەۋەش — قۇللارچە ، قۇلدەك ، قۇلغا ئوخشاش؛
- بەندىتار — قىلتاققا ئىلىنغان؛ باغلىنىپ قالغان؛تاريىپ: قىلتاق، تور.
- بەندىي — ئەسىر ، تۇتقۇن؛
- بەنگ — نەشە ، بەڭ ، كەيپ قىلغۇچى چېكىملىكلەر؛
- بەنگى — نەشىكەش ، نىشە چەككۈچى؛
- بەننائ — بىناكار ، قۇرغۇچى ، ئىمارەت ئۇستاسى؛
- بەننائۇ ھەدداد — بىناكار ۋە تۆمۈرچى؛
- بەننالىغ — بىناكارچىلىق ، قۇرغۇچىلىق؛
- بەنى — ئەۋلاد، بالالار ؛ [بەنى ئادەم --- ئادەم بالاسى ، ئىنسانلار]؛ [بەنى ئەئمام --- تاغىنىڭ بالالارى،بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكىلار]
- بەھا — قىممەت ، نەرق . بەدەل؛ [بەھا كىيۈرمەك --- سېتىشقا قويماق؛ باھا قويماق]؛
- بەھائ — پارلاقلىق ، روشەنلىك ، نۇر ؛ گۈزەللىك ، ھۆسن - جامال؛ [بەھائۇددىن --- دىننىڭ پارلاق نۇرى]؛
- بەھادۇر — باتۇر ، قەھرىمان ، پالۋان؛
- بەھادۇران — ؛«بەھادۇر»نىڭ كۆپلۈكى : پالۋانلار ، شىر يۈرەكلەر ،قەھرىمانلار؛
- بەھار — كۆكلەم ، ئەتىياز ؛ چېچەك ، ئاپېلسىن چېچىكى؛
- بەھارىستان — كۆكلەم ، باھار ، ئەتىياز ، كۆكلەمزار؛
- بەھارىيات — باھارغا بېغىشلاپ يېزىلغان شېئىرلار ، باھار قوشاقلىرى؛
- بەھانە — سەۋەب ، ۋەج ، باھانە ؛ يالغان سەۋەب ؛
- بەھانە جوي — باھانە ئىزدىگۈچى ، سەۋەب ئىزدىگۈچى؛
- بەھانەئى مەئقول — جىڭ باسقۇدەك سەۋەب ، ئەقىلگە سىغىدىغان باھانە؛
- بەھايىم — ؛«بەھىمە»نىڭ كۆپلۈكى : تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار؛ [سۆزى يوق بەھايىم --- تىلسىز ھايۋانلار]؛
- بەھەم — بىللە.