لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەد ھەيئەت — سەت ، كۆرۈمسىز؛
- بەداھەت — ئوچۇقلۇق ، زاھىرلىق ، ئاشكارىلىق، تۇيۇقسىزدىن، يۈز بەرگەن ئىش،تەسادىپىيلىق]؛
- بەداھەتەن — ھازىر جاۋاب ؛ تۇيۇقسىزدىن ؛ ۋاقىتلىق؛
- بەدايىئ — ؛«بەدىئ» نىڭ كۆپلۈكى: ئاجايىپ نەرسەلەر،گۈزەللىكلەر ، ئېسىللىقلار؛
- بەدايىئول ۋەسەت — ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى(نەۋائىينىڭ تۆت دىۋانىنىڭ بىرى)؛
- بەدەل — ئالماشقۇ ، ئورۇن باسقۇ ، تېگىشىلمە ، قىممەتداش؛ سەرپ قىلىنغان، بېرىلگەن پۇل ياكى بىرەر ئىش ئۈچۈن چىقىرىلغاي كۈچ ، ئېنىرگ
- بەدەۋى — مەدىنى بىلەن ۋەھشىي ئاراسىدىكى؛ قوپال؛
- بەدەۋىي — سەھرايى چۆلدە ياشىغۇچى ؛ كۆچمەنچى ؛ بىلىمسىز ، نادان ؛ ساددا؛
- بەدەۋىييەت — بەدەۋىلىك ؛ بىلىمسىزلىك ، نادانلىق؛
- بەدبەخ — بەختسىز؛ بىتەلەي.
- بەدبەشىرە — سەت؛ كۆرۈمسز.
- بەدبۇي — سېسىق؛
- بەدتەر — ئەڭ ناچار ، ئەڭ ئوسال؛
- بەدخاھ — كىىشىگە يامانلىق قىلغۇچى؛
- بەدخاھ — بىركىمگە يامانلىق تىلىگۈچى ، دۈشمەن؛
- بەدخەج — ئىسراپخور پۇلنى بۇزۇپ-چاچقۇچى.
- بەدخور — قېرىق ، ئىچىمسىز؛
- بەدخۇ/بەدخۇي — بەتخۇي، يامان ئادەتلىك ، يامان پەيلىلىك ، يامان قىلىقلىق ، خۇيى ئوسال؛
- بەدخۇمار — ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىنكى ئەڭ ئوسال ھالەت ، يامان خۇمارلىق؛
- بەددۇئا — قاغىش تەككەن؛ تەتۈر پېشانە؛ تەلەيسىز؛
- بەددۇئا — قاغىش ؛
- بەدر — تولۇن ئاي ، ئون تۆت كۈنلۈك ئاي؛ [بەدرۇددىن -- دىننىڭ تولۇن ئېيى]؛
- بەدرەفتار — مېڭىشى سەت ، يۈرۈشى كۆرۈمسىز؛ ماڭالماي قالغان؛
- بەدرەقە — رەھبەر ، يولباشچى ، يول باشلىغۇچى ؛ كارۋان بېشى؛