لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەدرەگ — تېگى پەس ، كېلىپ چىقىشى يارىماس ؛ نائەھلى ، توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان]؛
- بەدرەنگ — كۆرۈمسىز ، سەت؛
- بەدرو/بەدروي — تەلەتى سەت ، كۆرۈمسىز؛
- بەدروز/بەدروزگار — بەختسىز ، تىرىكچىلىكى ئېغىر، كۈنى ئوسال؛ تۇرمۇشى قىيىن،ئوڭمىغان،بەختسىز؛
- بەدرى لامىئ — پارلاپ تۇرغان تولۇن ئاي؛
- بەدرى مۇنىر — نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇن ئاي؛
- بەدزەبان — ئاغزى يامان ، گېپى سېسىق، گېپى ئەسكى؛
- بەدسىگال — نىيەتى بۇزۇق ، يامان پىكىرلىك ، يامان خىيالدىكى؛
- بەدقىلىق — قىلىقى سەت؛
- بەدكارە/بەدكار — ئەخلاقسىز ، يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛
- بەدكەلام — ئاغزى يامان؛
- بەدكىردار — يامان تەبىئەتلىك ، ئەسكى قىلىقلىق ، قىلىقسىز؛
- بەدگۇ — گېپى قوپال ، گېپى سېسىق ؛ تۆھمەتچى ؛ غەيۋەتخور؛
- بەدگىر — ئىچى قارا ، كۆرەلمەس ؛ ئاداۋەتچى؛
- بەدلەھجە — تەلەپپۇزى تۇتۇق ؛ گېپى يېقىمسىز ، گېپى سېسىق ، سۆزى قوپال؛
- بەدنام — يامان ئاتلىق؛ يالا.
- بەدنام — يامان ئاتلىق ، يامان نام چىقارغان ، كىشىلەر ئالدىدا يۈزى قالمىغان؛
- بەدنىما — سەت ، كۆرۈمسىز؛
- بەدنىيەت — ھارام نىيەت؛ نىيەتى يامان؛ ئالا كۆڭۈل؛
- بەدھال — يامان ھال ، ئوسال ئەھۋال ؛ ھالى ئېغىر ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان؛
- بەدۋ — ؛1) باشلىنىش ، ئىپتىدا ، باشلانغۇچى؛ 2) كۆچمەن تۇرمۇش؛
- بەدى — چەكسىز؛ مىسلىسز.
- بەدىئ — مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلىق ؛ نەپىس، گۈزەل ، ئېسىل ، نادىر؛ ئاجايىپ؛ [ئەمرى بەدىئ --ئاجايىپ ياخشى ئىش ، ياخشى ئەھۋال]؛ [جەم
- بەدىئۇددەھر — دەۋر گۈزىلى ، زاماننىڭ نادىرى؛