لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەد ئەختەر — يۇلتۇزى يامان ، تەلىيى يوق ، نەس باسقان ، ئىشى ئوڭمىغان ،ئىشى ئىلگىرىلىمەس]؛
- بەد ئەدا — تىلى قوپال ، گېپى سېسىق ؛ ئىش - ھەرىكەتى قوپال؛
- بەد ئەسل — تېگى پەس ، نەسلى ناچار؛
- بەد ئەمەل — توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ، بۇزۇق ، بەتقىلىق؛
- بەد ئەندام — سەت ، كېلىشمىگەن؛
- بەد ئەندىش — يامان نىيەتلىك ، نىيەتى بۇزۇلغان؛
- بەد ئەھد — ۋەدىدە تۇرمىغۇچى ، ۋەدەسىگە ۋاپا قىلمىغۇچى، لەۋزىدە تۇرمايدىغان؛
- بەد بۇي — سېسىق پۇراق.
- بەد پىسەند — مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ، كۆڭۈلگە ياقمايدىغان ، يېقىمسىز؛
- بەد تەئم — مەززىسى يوق ، مەززىسىز ، تەمى ناچار ، بەتتام؛
- بەد تىينەت — تېگى پەس ، ئەسلى بۇزۇق ، تەبىئەتى ئوسال ؛
- بەد چىھرە — سەت ، كۆرۈمسىز؛
- بەد خۇلق — ئەخلاقسىز؛
- بەد سۈرەت — كۆرۈنۈشى سەت ، كۆرۈمسىز؛
- بەد سيرەت — قىلىقى سەت ؛ ئەخلاقسىز ؛ نامى سېسىق؛
- بەد شەكىل — سەت ، بەتبەشىر، ، كېلىشمىگەن؛
- بەد شېئىرلىق — شېئىرنى ياخشى يازالماسلىق؛ شېئىرىي ئىجادىيەتتىكى ناچارلىق؛
- بەد فەرجام — ئاقىۋىتى يامان ، ياخشى نەتىجە بەرمەيدىغان ، ئىستىقبالسىز؛
- بەد گۇمان — گۇمانلىنىش ، ئىشەنمەسلىك، گۇمانخورلۇق؛ [بەد گۇمان بولماق -- گۇمانلانماق]؛
- بەد مەئاش — مۇئامىلىسى يامان، كىشىلەر بىلەن چىقىشالمايدىغان؛تۇرمۇشى قىيىن ، قولى قىسقا، تىرىكچىلىكى تەس؛
- بەد مەئاشلىق — ناچار مۇئامىلىلىك ؛ باشقىلار بىلەن چىقىشالماسلىق؛ ھالى تەڭلىك ؛ تۇرمۇشتىكى چېچىلاڭغۇلۇق؛
- بەد مەست — ئەسكى مەست بولغۇچى ، مەست بولۇپ ئېسىنى يوقۇتۇپ قويغۇچى، ئېغىر مەست؛
- بەد مىھر — رەھىمسىز ، مېھىرسىز ، شەپقەتسىز ، يۈرىكى قاتتىق؛
- بەد نەفىس — نەپسى يامان ، نەپسىنى يىغالمايدىغان ، ئاچ كۆز؛