لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەتىئسەير — مىس - مىس، ئاستا ماڭغۇچى ، ئالدىرىماي يۈرگۈچى؛
- بەجايىدىكى — خۇددى؛ گويا؛
- بەجۇز — باشقا ، ئۆزگە؛ [بەجۇز جان -- جاندىن باشقا]؛
- بەچە — بالا ، كىچىك بالا ؛ ئاشخانا ، مەيخانىلاردىكى خىزمەتكار بالا؛
- بەچچە — ھايۋان ۋە ئادەم بالسى؛
- بەچكەم — تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى؛
- بەخاۋەر — شەرققىچە ، كۈن پېتىشقىچە؛
- بەخەيىر — ياخشى ئوبدان؛
- بەختى بىدار — ئويغاق بەخت ، ئوڭ تەلەي؛
- بەختى سىياھىم — قارا بەختىم.
- بەختى فەرخۇندە — بەختلىك ، بەختى ئېچىلغان ، بەختىيار؛
- بەختى قىراندۇد — بەختى قارىلىق ، ئېچىلماس بەخت ، كاج تەلەي;
- بەخش — ھەسسە ، ئۈلۈش ؛ كېچىش ، ئەپۇ قىلىش ؛ بۆلۈپ بېرىش ؛ بېغىشلاش ،بېرىش؛ [گۈنەھ بەخش -- گۇناھنى كەچۈرگۈچى]؛ [جان بەخش -- جان
- بەخشايش — كەچۈرۈش؛
- بەخشايىن — مەرھەمەتلىك؛
- بەخشەندە — بەرگۈچى ، بەخشەندە قىلغۇچى ، بېغىشلىغۇچى ، ھەدىيە قىلغۇچى؛مەردانە ، كەڭ،قورساق؛
- بەخشى — باخشى؛
- بەخشىش — ھەدىيە ، تارتۇق، شەپقەت ؛ كەچۈرۈم؛ [بەخشىش ئامىز -- كەڭ قورساق ، مەردانە،شەپقەتچان]؛
- بەخىل — بېخىل ئادەم ، خەسىس كىشى ، پىخسىق؛ يولسىز؛
- بەخيە — چاك، تىكىش چېكى ، بېخى؛
- بەخيەساز — بېخىچى ، بېخى تىككۈچى، چاك تىككۈچى؛ [بەخيەساز ئۆرمەك -- بېخى تىكمەك ؛ جىيەك تىكمەك]؛
- بەد — ئوسال، ئەسكى ، يامان ، يارىماس؛ بۇزۇق؛( يوقلۇق قوشۇمچىسى بۇلۇپ،سەلبى ئۇقۇمنى ئىپادەلەيدۇ)؛ [بەد ئەفئال -- ناچار ئىشلار؛ب
- بەد ئامۇز — يامان ئۆگىنىپ قالغان ، يامانلىققا ئادەتلىنىپ قالغان؛ يامانلىققا كۈشكۈرتكۈچى ، يامان ئىش قىلىشقا ئۈندىگۈچى]؛
- بەد ئاۋاز — ئاۋازى قوپال ، ئاۋازى يېقىسىز؛ [بەد ئاۋاز مۇقرىئ -- ئاۋازى قوپال قارى ، لەپىزى سوغۇق قارى]؛