لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بايىستە — بايىسىت ؛ [تەئخىر بايىسىت -- كېچىكتۈرۈش كېرەك]؛
- بايىسىت — كېرەك ، زۆرۈر ، تېگىشلىك؛
- بايىسىتىراق — زۆرۈر ، بەك زۆرۈر؛
- بەئد — كېيىن ، ئارقىدىن؛
- بەئدەز — ؛........دىن كېيىن ، ئارقىدىن؛ [ئەۋۋەل تەئام بەئدەز كەلام ---دەسلەپ يېمەك ، ئاندىن دېمەك]؛
- بەئز — قايسىبىر ، بەزى؛
- بەئزەن — بەزى چاغلاردا ، بەزەن؛
- بەئس — ؛1) ئەۋەتىش ، يەتكۈزۈپ بېرىش؛ 2)تىرىلىش ، قايتا جان كىرىش ؛ روناق تېپىش ، ئەسلىگە كېلىش؛ (3)قۇۋۋەت ، كۈچ ، قابىلىيەت ، ش
- بەئىد — يىراق،ئۇزاق؛ كېيىن؛
- بەئىدۇلفەھم — ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ، ئەقىلگە سىغمايدىغان؛
- بەباد — شامالغا ، ھاۋاغا ، يوققا؛ [بەباد بەرمەك -- شامالغا سورىۋەتمەك؛ يوققا چىقارماق؛ [بەباد ئولماق -- بىكارغا كەتمەك ، سورىلىپ
- بەبر — قاپلان ، يولۋاس؛
- بەبرى بەيان — ؛«شاھنامە»نىڭ باش قەھرىمانى رۇستەمنىڭ قاپلان تېرەسىدىن تىكىلگەن جەڭ كىيىمى؛
- بەت — يۈز ، بەت؛ [ئاق بەت -- مەسۇم ، پاك ؛ ھۆرمەتلىك]؛ [قارا بەت -- قەبىھ؛ پاسىق]؛
- بەتالەت — بىكار ، كېرەكسىز؛
- بەتالەتلىك — كېرەكسىزلىك ، بىكارلىق؛
- بەتەخسىس — خۇسۇسەن ، بولۇپمۇ؛
- بەتەر — بەتتەر ، ناھايىتى يامان؛
- بەتەڭ — تار؛سىقىق؛ بىزار بولارلىق؛ [بەتەڭ كەلمەك -- تار كەلمەك، سىقىلماق]؛ [بەتەڭ بولماق --بىزار بولماق]؛
- بەتت — ئۆردەك ؛ ئۆردەك شەكىللىك مەي قاچاسى؛ مەي ، شاراب؛ [ مەي بەتتى -- مەي قاچاسى]؛ [بەتت كەباب -- ئۆردەك كاۋىپى]؛
- بەتتە — ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىنغان پولو؛
- بەتھائ — سۇسىز دەريا ؛ ساي ؛ بەيگە مەيدانى ؛ مەككە ئەتراپىدىكى تاغ ئاراسىغا جايلاشقان بىر دەريا نامى؛ مەككە ؛
- بەتىئ — ئاستا؛ سۇس؛ [بەتىئى ھىمار -- ھورۇن ئېشەك]؛
- بەتىئرەۋلىغ — ئاستىلىق ، مىس - مىسلىق ؛ سۇسلۇق؛