لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەتىب — ئەڭ ياخشى ، بەك ياخشى؛
- ئەتىببا — ؛«تەبىب» نىڭ كۆپلۈكى: تېۋىپلار ، دوختۇرلار ، داۋالىغۇچىلار؛
- ئەتىر ئەنگىز — ئەتىر پۇراقلىق ، خۇشبۇي؛
- ئەتىرناك — خۇشپۇراقلىق ، خۇشبۇي؛
- ئەتىشلەمەك — بىللە ئىشلىمەك؛
- ئەتىق — كونا ، قەدىمقى ، بۇرۇنقى؛
- ئەتىك / بوت — Boots(ئىسىم)-- ئادەتتە تۆپىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقارىغىچە يېتىدىغان، مۇستەھكەم ماتېرىياللاردىن ياسالغان، ئايىغىنى ۋە بالد
- ئەتىنمەك — بولماق؛ ئېتىلمەك، قىلىنماق؛
- ئەتىياز — تۆت پەسىلنىڭ بىرى (باھار، ياز، كۈز، قىش)؛
- ئەتىييە — سوۋغا ، ھەدىيە ، تارتۇق؛
- ئەجائىب — ؛«ئەجىبە» نىڭ كۆپلۈكى : ئاجايىپ ، ھەيران قالارلىق؛مۆجىزىلەر؛
- ئەجائىبۇلمەخلۇقات — ئاجايىپ مەخلۇقاتلار ، تۈرلۈك مەخلۇقاتلار؛
- ئەجانىب — ؛«ئەجنەبىي» نىڭ كۆپلۈكى : چەت ئەللىكلەر ؛ ئۆزگىلەر؛ بويسۇنماسلار؛
- ئەجەب — ھەيرانلىق ، ھەيران قېلىش ، تەئەججۈپ ؛ قىزىق ، قىزىقارلىق؛
- ئەجەبا — ئەجەبلىنەرلىكقۇ! قىزىق ئىشقۇ!؟
- ئەجەل — ۋاقىت، مۇددەت،ھامان بىر كۈنى كېلىدىغان ۋاقىت؛ ئۆلۈم ۋاقتى؛ ئۆلۈم؛ [ئەجەل پەيمانەسى-- ئەجەل شارابى قەدەھى ؛ ئەجەل ۋاقتى ،
- ئەجەلە — تېزلىك ، ئالدىراشلىق ، ھودۇقۇشلۇق ؛ چاق، قاتناش قوراللىرىنىڭ چاقى؛
- ئەجەللىك — Fatal(سۈپەت)-- ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان، ھالاك قىلغۇچ، ئىنتايىن خەتەرلىك ياكى زور زىيان يەتكۈزىدىغان دېگەن مەنانى بىلدۈرى
- ئەجەم — بۇرۇنقى ئىراننىڭ نامى.
- ئەجەم — غەيرى ئەرەب، ئەرەب بولمىغانلار؛ پارس؛ [ ئەجەم مۈلۈكى-- ئىران پادىشاھلىرى]؛ [ ئەجەم شۇئەراسى--پارس شائىرلىرى]؛
- ئەجداد — ئاتا-بوۋىلار.
- ئەجداد — ؛«جەدد» نىڭ كۆپلۈكى : بوۋىلار ، ئاتا - بوۋىلار ، ئەجدادلار؛
- ئەجدىھا — ئەپسانەلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان، قانات-پۇت بار، ئوت پۈركەلەيدىغان، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك مىپولوگىيىلىك ھايۋان. خىتتاي مەدەنىيەتىد
- ئەجر — بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەق ، مۇكاپات ، مائاش؛