لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەجز — كۈچسىز ، زەئىپلىك ، ئاجىزلىق؛ [ئەجز كەتۈرمەك--ئاجىزلىق قىلماق ، زەئىپلىك كۆرسەتمەك]؛ [ئەجز پەيۋەند-- كۈچسىز]؛
- ئەجزا — پارچە،
- ئەجزا — ؛«جۇزئ»نىڭ كۆپلۈكى : بۆلەكلەر ، قىسىملار ، پارچىلەر؛ بىرەر نەرسەنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى؛ [قۇياش ئەجزاسى--قۇياش زەررىلىرى]؛
- ئەجزچى — باشلىغۇچى ، يول باشلىغۇچى؛
- ئەجزكىش — ئاجىز ، زەئىپ ؛ زەئىپلىك كۆرسەتكۈچى؛
- ئەجزۇ تەھەييۇر — ئاجىزلىق ۋە ھەيرانلىق ، زەئىپلىك ۋە ئامالسىزلىق؛
- ئەجزۇ نىياز — ئاجىزلىق ۋە يالۋۇرۇش؛
- ئەجساد — ؛«جەسەد» نىڭ كۆپلۈكى : جەسەتلەر ، گەۋدىلەر؛
- ئەجلاف — ساددا ۋە گۆل كىشىلەر ، نادانلار ، بىلىمسىزلەر ؛ قوپاللار ؛
- ئەجمەئۇن/ئەجمەئىن — پۈتكۈل ، ھەممە ، بارچە ، ھەممە ئادەم؛
- ئەجمەل — ئەڭ گۈزەل ، قالتىس چىرايلىق؛
- ئەجناس — ؛«جىنس» نىڭ كۆپلۈكى : تۈرلەر ، خىللار ؛ جىنسلار؛ رەختلەر ، ماللار ، تاۋارلار ؛
- ئەجناسۇ نەقد — مال ۋە مەبلەغ؛
- ئەجنەبىي — چەت ئەللىك ، بىگانە ، يات ؛ [ئەجنەبىي سۆز-- چەت تىل]؛
- ئەجنەبىييەت — ئەجنەبىيلىك؛
- ئەجنىھە — »جەناھ»نىڭ كۆپلۈكى : قاناتلار؛
- ئەجھەل — ئەڭ نادان ، ئەڭ بىلىمسىز، ئەڭ جاھىل؛
- ئەجۇبە — ئاجايىپ ، قىزىق ، ھەيران قالدۇرارلىق؛
- ئەجۈز — قېرى بوۋاي ، قېرى چال ، قېرى . . ئەجۈزە؛
- ئەجۈزە — قېرى كەمپىر ، قېرى خوتۇن؛ ئاسمان ، پەلەك؛
- ئەجۋەف — كاۋاك ، بوش ؛
- ئەجۋىبە — ؛«جەۋاب»نىڭ كۆپلۈكى؛ جاۋابلار؛
- ئەجىب — ئاجايىپ ، ئەجەبلىنەرلىك ، غارايىپ ، غەلىتە؛
- ئەجىبە — مۆجىز، ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش ؛ غارايىب ئىش ، غەلىتە ئىش؛