لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەتباق — ؛«تەبەق»نىڭ كۆپلۈكى: تەبىقىلەر، قاتلاملار؛
- ئەتتار — ئەتىر ساتقۇچى؛ سەييارە ھالدا ئۇشىشاق-چۈشەك نەرسەلەرنى ساتقۇچى.
- ئەتتار — ئەتىرپۇرۇش ، ئەتىرچى ، ئۇپا - ئەڭلىك ، خۇشبۇي نەرسەلەرنى ساتقۇچى؛«مەنتىقۇت تەير»نىڭ مۇئەللىپى فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ لەقەب
- ئەتراف — ؛«تەرەف»نىڭ كۆپلۈكى : تەرەپلەر ، چۆرىلەر ، ياقلار؛
- ئەترافى شەتتە — ھەممە تەرەپ ، ھەممە ياق؛
- ئەتراك — ؛«تۈرك»نىڭ كۆپلۈكى : تۈركلەر ، تۈركىيلەر؛
- ئەتسە — چۈشكۈرۈش ، چۈشكۈرمەك؛
- ئەتشان — ئۇسسۇز ، ئۇسسىغان ، تەشنا بولغان ، تەشنا؛ تەقەززالىق بىلەن كۈتكۈچى ، تاقەتسىزلىك بىلەن تىلىگۈچى؛
- ئەتف — بۇرۇلۇش ، مەيل قىلىش ، قايرىلىش ؛ ئىچ ئاغرىتىش ، ھېسداشلىق قىلىش؛
- ئەتفال — ؛«تىفل»نىڭ كۆپلۈكى : ياش بالالار ، گۆدەكلەر؛[بازىچەئى ئەتفال--بالالار ئويۇنچۇقى]؛
- ئەتفال(ئەتنال) — ئۇششاق بالالار.
- ئەتقىيا — ؛«تەقىي»نىڭ كۆپلۈكى ، يامان ئىشتىن ساقلانغۇچىلار ، تەقۋادارلار؛
- ئەتكە — تەربىيەچى، ھامىي ، ئاسرىغۇچى؛ بەگ ئەتكە؛
- ئەتكەس — مەنئى قىلىنغان چەكلەنگەن.
- ئەتلەس — يىپەكتىن توقۇلغان نېپىز رەخت ، ئەتلەس؛ تەكشى ، سىيلىق ؛ كۆك ،ئاسمان؛ [چەرخى ئەتلەس-- ئاسمان]؛
- ئەتلەسى گەردۇن — كۆك ، ئاسمان؛
- ئەتمەك — تاماق ، غىزا ، نان؛
- ئەتمەكچى — نانچى، ناۋاي؛
- ئەتۇف — شەپقەتلىك ، مېھرىبان؛
- ئەتۇفەت — شەپقەت ، مەرھەمەت ، مېھىر؛
- ئەتۈك — ئۆتۈك ؛
- ئەتۋار — ؛«تەۋر»نىڭ كۆپلۈكى : مېڭىش - تۇرۇش ، خۇي - پەيل ،ھەرىكەتلەر ، ھالەتلەر؛ يول،ئۇسلۇپ؛ تەبىئەت ، ئادەت؛
- ئەتۋىركە — كۇلۇچ-ئەسۋاب تۈرى؛
- ئەتىئو — ئىتائەت قىلىڭلار؛[ ئەتىئوللاھ--سىلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار]؛