لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەبىد — «ئابد»نىڭ كۆپلۈكى : ئىنسانلار؛ بەندىلەر؛ قۇللار؛ ئابد؛
- ئەبىد(ئىباد) — بەندە؛ قۇل
- ئەبىر — بىر خىل خۇشبۇي نەرسە ، ئەنبەر؛
- ئەبىر ئاسا — خۇشپۇراقلىق ، خۇشبۇي ، ئىپار پۇرايدىغان؛
- ئەبىر ئەفشان — خۇشبۇي ھىد چاچقۇچى ، ئەنبەر بۇيلۇق؛
- ئەبىر بەز — ئەبىر ئاسا؛
- ئەبىر سىرىشت — ئەنبەر ئارىلاش؛ خۇشبۇي؛ ئەبىر ئاسا؛
- ئەبيات — «بەيت (بيت)»نىڭ كۆپلۈكى : بېيىتلار ، شېئىر، شېئىرىيەت؛[ئەبيات ئايتماق-- شېئىر يازماق،شېئىر ئىجاد قىلماق]؛
- ئەبياز — ئاق ، ئاپئاق؛
- ئەبياز پۇش — ئاق كىيىم كىيگەن ، ئاققا ئورالغان؛ [سۈبھى ئەبياز پۇش--تاڭ،ئاپئاق ئاتقان تاڭ]؛
- ئەپپانىي — شاپىلاقلاش ؛ مۇشت بىلەن ئۇرۇش ؛ تۈرتكە؛
- ئەپسۇن — سېھىرلەش ئايەتلىرى.
- ئەپسىز — كېرەكسىز،نالايىق؛
- ئەت — گۆش؛[ئەت يەمەك-- گۆش يېمەك]؛
- ئەتئىمە — ؛«تەئام»نىڭ كۆپلۈكى : تاماقلار ، تائاملار؛
- ئەتائ — بېغىشلاش ، ھەدىيە ، بېرىش ؛[ ئەتائ ئەتمەك-- بەرمەك ، بېغىشلىماق]؛
- ئەتائى ئىلاھى — ئاللاھنىڭ بەرگىنى ، ئىلاھنىڭ بەرگىنى؛
- ئەتاكىش — ئاتا قىلغۇچى ، بېغىشلىغۇچى ، بەخش ئەتكۈچى ؛
- ئەتالەت — ئىشسىزلىق ، ئىشسىز يۈرۈش؛
- ئەتايا — ؛«ئەتىييە»نىڭ كۆپلۈكى: ھەدىيەلەر ، تۆھپىلەر ، سوۋغىلار ،تارتۇق قىلىنغان نەرسەلەر ، ئىنئام - ئېھسانلار؛
- ئەتەش — ئە ئۇسسۇزلۇق ، تەشنالىق، سۇسىراپ كېتىش ؛ ئۈمىد ، ئارزۇ ، تىلەك؛
- ئەتەم — راسا تولۇق ، كامىل؛
- ئەتبائ — ئۇرۇق-ئايماق.
- ئەتبائ — ؛«تابىئ»نىڭ كۆپلۈكى: تەۋە كىشىلەر ، ئەگەشكۈچىلەر ؛ پۇقرالار؛