لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەبكەملىق — تىلسىزلىق ، گاچىلىق؛
- ئەبلەغ — بالاغەتكە يەتكەن ؛ ئەڭ روشەن ئىپادىلىك ، ئەڭ پاساھەتلىك؛
- ئەبلەق — ئالا - بۇلا ، ئالا - تاغىل ، تاغىل ؛ ياۋايى ئات؛ [زەمانە ئەبلەقى--كېچە - كۈندۈز]؛
- ئەبلەقسۇۋار — تاغىل ئات مىنگەن؛
- ئەبلەھ — ئەقىلسىز ، دۆت ؛ گاچا؛ [ئەبلەھ فىرىب--ئەقىلسىزلەرنى ئالدىغۇچى، ئەخمەق قىلغۇچى؛
- ئەبلەھانە — ئەخمەق، ئەخمىقانە ، نادان ، نادانلارچە؛ دۆت؛
- ئەبنا — «ئىبن»نىڭ كۆپلۈكى : ئوغۇللار ، بالالار؛
- ئەبنايى جىنس — جىنسداشلار ؛ تەڭتۈشلەر؛
- ئەبنايى دەۋران — [ئەبنايى دەۋران=ئەبنايى دەھر/ئەبنايى زەمان] دەۋر پەرزەنتلىرى؛ زامانداشلار ، تەڭتۈشلەر؛
- ئەبنايى روزگار — بىرلىكتە كۈن كەچۈرگۈچىلەر؛
- ئەبنىيە — «بىنا»نىڭ كۆپلۈكى: بىنالار ، ئۆيلەر ؛ ئاساسلار؛
- ئەبھاس — «بەھىس»نىڭ كۆپلۈكى : بەس - مۇنازىرىلەر ، تاللاش -تارتىشلار ، تەكشۈرۈشلەر،تەتقىقاتلار؛
- ئەبھەر — نەرگىس گۈلى ؛ كۈندۈز؛ [ئەبھەر شەمىم--نەرگىس گۈلى پۇرايدىغان ،نەرگىس ھىدلىق]؛
- ئەبۇ — «ئاتا» مەناسىدە ئىككىنچى بىر ئىسىمغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ [ئەبۇ ھەنىفە--ھەنىفەنىڭ ئاتىسى]؛
- ئەبۇ جەھل — كالۋا ، دۆت ؛ ئوساللىق بىلەن نام چىقارغان ئادەم؛
- ئەبۇ قوبەيس — ئەرەبىستاندىكى بىر تاغنىڭ نامى؛
- ئەبۇتتۈرك — تۈرك ئاتىسى ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بوۋىسى ، ئەجدادى؛يافەسنىڭ لەقىبى؛
- ئەبۇس — سەت ، بەتبەشىرە ؛ خۇنۈك ، چىرايى تۇتۇلغان ، قايغۇلۇق؛
- ئەبۇكەنە — بوۋا ؛ ئەجداد ، چوڭ دادا؛
- ئەبۇلبەشەر — ئادەم ئاتا
- ئەبۇلفۇرس — پارسلار ئاتىسى، پارس خەلقىنىڭ بوۋىسى ، ئەجدادى؛
- ئەبۇلھىند — ھىندىلار ئاتىسى ، ھىندى خەلقىنىڭ بوۋىسى ، ئەجدادى؛
- ئەبۋاب — «باب»نىڭ كۆپلۈكى: ئىشىكلەر ، دەرۋازىلار؛ بابلار، ماۋزۇلار؛
- ئەبۋابۇلمەئانى — مەنا ئىشىكلىرى؛