لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەۋانى — ؛«ئىنا»نىڭ كۆپلۈكى : ئىدىشلار؛
- ئەۋانى شەباب — ياشلىق چاغلىرى؛
- ئەۋايىل/ئەۋائىل — ؛«ئەۋۋەل»نىڭ كۆپلۈكى : ئاۋاللار ، باشلاملار؛ دەسلەپتە؛
- ئەۋەت — دۇرۇس ! شۇنداق!
- ئەۋەز — ئورنىغا دەسسىتىش ، ئالماشتۇرۇش ، بەدەل قىلىش ، يۆتكەش ؛ ھەق،تەڭداش؛
- ئەۋباش — ؛(1) بىۋاش ، بىزارى ، ئالىقانات ، لۈكچەك؛ (2)داغدۇغا؛ بەيگە؛ مەيخانىغا توپلانغان خەلق؛
- ئەۋتاد — ؛«ۋەتەد»نىڭ كۆپلۈكى: قوزۇقلار ؛ مىخلار ؛ تايانچلار ؛ ئەربابلار؛
- ئەۋتار — ؛«ۋەتەر»نىڭ كۆپلۈكى: چالغۇ تارىلىرى ؛ سىملار؛
- ئەۋتان — ؛«ۋەتەن»نىڭ كۆپلۈكى: ۋەتەنلەر؛
- ئەۋتەرى — ئۈچۈن ، سەۋەبلىك دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ؛ [شۇندىن ئەۋتەرى -- شۇنىڭ ئۈچۈن]؛
- ئەۋج — ھەر نەرسەنىڭ يۇقارى تەرەپى ، يۇقارى پەللە ، ئەڭ ئېگىز دەرەجە؛ [ئەۋج تاپماق -- كۆتۈرۈلمەك]؛
- ئەۋجى رىفئەت — يۈكسەكلىك چوققاسى ، يۇقارى دەرەجە؛
- ئەۋجى سەلتەنەت — پادىشاھلىق ئورنى؛
- ئەۋد — قايتىش ، كەينىگە يېنىپ كېتىش ؛ قايتىلاش؛ [ئەۋد ئەتمەك، ئەۋد ئەيلەمەك -- قايتماق؛قايتىلىماق]؛
- ئەۋد ئەدنا — تۆۋەن جاي.
- ئەۋدەت — قايتۇرۇپ بېرىش ؛ قايتىش؛
- ئەۋر — يالىڭاچ؛
- ئەۋراد — ؛«ۋىرد»نىڭ كۆپلۈكى: ۋەزىپەلەر ، دائىملىق ۋەزىپەلەر؛دۇئالار؛
- ئەۋراق — ؛«ۋەرەق»نىڭ كۆپلۈكى: ۋاراقلار ، سەھىپىلەر؛ يوپۇرماقلار ،بەرگلەر؛[جومال ئەۋراقى --ئادەمنىڭ ئىككى مەڭزى]؛
- ئەۋراقى سىم — كۈمۈش بەرگلەر؛
- ئەۋرەت — ئىنسان بەدىنىدىكى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولمايدىغان ئەزالار ،ئەۋرەت؛
- ئەۋرەز — يۇندا قۇدۇغى؛ تۆكۈلگەن سۇ سىڭىپ كېتىدىغان ئورا.
- ئەۋرەڭ — تەخت ، تاج ؛ شەۋكەت ؛ ئەقىل ؛ گۈزەللىك ؛ ئاسمان ؛ ھۈكەر؛
- ئەۋرۈرمەك — ئايلاندۇرماق ، چۆرگىلەتمەك ؛