لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەھمەق — ئەقىلسىز ، دۆت ، ئاڭسىز ، نادان ، ئەخمەق؛
- ئەھمىدى مۇختار — مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى؛
- ئەھۋاز — ؛«ھەۋز»نىڭ كۆپلۈكى : كۆلچەكلەر؛
- ئەھۋال — ؛«ھال»نىڭ كۆپلۈكى: ھاللار، ھالەتلەر ، ئەھۋال؛
- ئەھۋالات — ؛«ئەھۋال»نىڭ كۆپلۈكى : ئەھۋاللار؛
- ئەھۋەل — ئالىغاي؛
- ئەھىببا — ؛«ھەبىب»نىڭ كۆپلۈكى : دوستلار ، يارانلار؛
- ئەھيا — تۇرغۇزماق؛ بەرپا قىلماق، ھايات بەرمەك.
- ئەھيائ — ؛«ھەي»نىڭ كۆپلۈكى : تىرىكلەر ، ھاياتلار؛
- ئەھيان — ؛«ھەين»نىڭ كۆپلۈكى : چاغلار ، ۋاقىتلار ، پۇرسەتلەر؛
- ئەھيانەن — بەزى ۋاقىتتا ، گاھىدا ، بەزى چاغدا؛
- ئەۋ — ئېغىر؛ كۈچلۈك.
- ئەۋ — ئۆي ، خانا؛ [كۆزئەۋ--كۆز چانىقى]؛
- ئەۋاتىف — ؛«ئاتىفە»نىڭ كۆپلۈكى : مېھرىبانلىقلار ، شەپقەتلەر؛
- ئەۋاخىر — ؛«ئاخىر»نىڭ كۆپلۈكى : ئاخىرلار ؛ ئاخىرىدا؛
- ئەۋاخىرۇلقەرن — ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى؛
- ئەۋارىز — ؛«ئارىزە»نىڭ كۆپلۈكى : ھادىسىلەر ، ۋەقەلەر ، كېلىشمەسلىكلەر ، ئاپەتلەر؛
- ئەۋاسىت — ؛«ئەۋسەت»نىڭ كۆپلۈكى: دەل ئوتتۇرىلار؛ ئارىلىقتا؛
- ئەۋاقىب — ؛«ئاقىبەت»نىڭ كۆپلۈكى : ئاقىۋەتلەر ، نەتىجەلەر؛
- ئەۋالىم — ؛«ئالەم»نىڭ كۆپلۈكى : ئالەملەر ، دۇنيالار ، جاھانلار؛
- ئەۋام/ئەۋۋام — ؛«ئاممە»نىڭ كۆپلۈكى : ئاۋام ، ئاددىي خەلقلەر ، ئادەملەر توپى،خەلق؛
- ئەۋامۇنناس — پۇقرالار؛
- ئەۋامىر — ؛«ئەمر»نىڭ كۆپلۈكى : بۇيرۇقلار ، ئەمىرلەر؛
- ئەۋان — ؛1)؛«ئان»نىڭ كۆپلۈكى : ۋاقىتلار ، پەيتلەر ، چاغلار ، زامانلار؛ 2) دىۋان باشلىقلىرى؛زۇلۇم قىلغۇچى ، قاتتىق قوللۇق ؛ مىرشا