لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەۋرۈشمەك — ؛1) دەۋر قىلىپ يىغىلماق ، چۆرىدەپ توپلانماق؛ 2) ئۇلاشماق؛
- ئەۋرۈلەمەك — ئۆرۈلمەك ؛ يۈز ئۆرۈمەك؛
- ئەۋرۈلمەك — ئايلانماق؛
- ئەۋزائ — ؛«ۋەزئ»نىڭ كۆپلۈكى : ۋەزىيەتلەر ، ھالەتلەر؛
- ئەۋزار — ئەسۋاب ، قورال ، سامان، ئەفزار؛
- ئەۋزان — ؛«ۋەزن»نىڭ كۆپلۈكى : ۋەزىنلەر ، ئۆلچەملەر؛
- ئەۋزەھ — ئەڭ ئوچۇق ، ئەڭ روشەن؛
- ئەۋسات — ؛«ۋەسەت»نىڭ كۆپلۈكى : ئوتتۇرا دەرەجەلىك نەرسەلەر ،ئوتتۇراھال نەرسەلەر ، ئادەتتىكى نەرسەلەر ؛ ئارىلىقلار ، ئوتتۇرا قىسىمل
- ئەۋساف — ؛«ۋەسف»نىڭ كۆپلۈكى : سۈپەتلەر ، ماختاشلار ، تەرىپلەر؛
- ئەۋسافى پىسەندىدە — يېقىملىق سۈپەتلەر ، يارايدىغان ھالەتلەر؛
- ئەۋسافى ھەمىدە — ياخشى تەرىپلەر ، ياخشى سۈپەتلەر ؛
- ئەۋسەئ — ئەڭ كەڭ ، ھەممەدىن كەڭ؛
- ئەۋسەت — ئوتتۇرا ، مەركەز؛
- ئەۋفەق — ئەڭ مۇۋاپىق؛
- ئەۋقات — ؛«ۋەقت»نىڭ كۆپلۈكى : ۋاقىتلار ، چاغلار ، مەزگىللەر ،كۈنلەر؛
- ئەۋقاف — ؛«ۋەقف»نىڭ كۆپلۈكى : ۋەخپىلەر ، ۋەخپە قىلىنغان مۈلۈكلەر(مەسجىد، مەدرىسە ، خانىقا ،قارىخانا قاتارلىق جايلارنىڭ تەمىناتى ئ
- ئەۋلا — ئەڭ مۇناسىپ ؛ ئەڭ ياخشى ؛
- ئەۋلاد — ؛«ۋەلەد»نىڭ كۆپلۈكى : بالالار ، ئوغۇللار ؛ نەسىللەر؛ "Generations" (ئەۋلاد) دېگەن سۆز بىر جەمئىيەتتىكى ياكى بىر ئائىلەدى
- ئەۋلادۇ ئەھفاد — بالالار ۋە نەۋرىلەر؛
- ئەۋلادى كىرام — ياخشى ئەۋلاد؛
- ئەۋلۈك — ئايال ، رەپىقە ، خوتۇن؛
- ئەۋلىك — ئۆيلۈك ، ئايال ، خوتۇن؛
- ئەۋلىيا — كارامەت ئىگەسى ؛ كارامەت كۆرسەتكۈچى.
- ئەۋلىيا ئۇللاھ — ئاللاھنىڭ دوستلىرى ، يېقىنلىرى؛