لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەقىم — تۇغمايدىغان ، تۇغماس؛
- ئەكابىر — ؛«ئەكبەر»نىڭ كۆپلۈكى : ئەڭ ئۇلۇغلار ، ئەڭ كاتتىلار؛ چوڭلار؛
- ئەكابىرۇ ئەشراق — ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئېتىبارلىق زاتلار؛
- ئەكازىب — ؛«كىزب»نىڭ كۆپلۈكى : كاززاپلىقلار ، يالغان - ياۋىداق گەپلەر، يالغانچىلار؛
- ئەكاش — ھەي ئېسىت ، كاشكى؛
- ئەكەجى — ئىگىچە ، ئاچا ، ھەدە؛
- ئەكەرى — بىكار تەلەپ،ئاقنانچى؛ئالىقانات؛كەلگۇندى؛
- ئەكەك — ئىكەك؛
- ئەكەگۈ — ئىككى ، ھەر ئىككى ، ئىككىلا؛
- ئەكەمەك — ئىكىمەك ، ئىكەكلىمەك؛
- ئەكەۋ — ئىكەۋ؛
- ئەكەۋلەن — ئىككىيلەن؛ ئىكەۋلەن؛
- ئەكباد — ؛«كەبد» نىڭ كۆپلۈكى : جىگەرلەر؛ [ئەكباد پەيۋەندە -- پەرزەنت]؛
- ئەكبەر — ئەڭ كاتتا ، ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ چوڭ؛ ، زور؛ [سەئدى ئەكبەر -- مۇشتىرى (يوفىتىر) سەييارەسى؛
- ئەكتاف — ؛«كەتف»نىڭ كۆپلۈكى : يەلكىلەر ، تاغاق سۆڭەكلەر؛
- ئەكچە — چۈشىنىش قىيىن بولغان ياسالما سۆز؛
- ئەكرەم — ئىنتايىن مەرت ۋەئالىيجاناپلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى،
- ئەكرەم — ئەڭ ھىممەتلىك ، ئەڭ سېخى ، ئەڭ مەرە ، ئەڭ ياخشى ؛ ئەڭ كارامەتلىك؛
- ئەكرەمۇلئەكرەمىن — ياخشىلارنىڭ ياخشىسى ، ھەممەدىن بەك ھىممەتلىك؛
- ئەكس — تەتۈر ئايلىنىش ، ئاستىن - ئۈستۈن بولۇش؛
- ئەكسەر — ئەڭ كۆپ ، تېخىمۇ كۆپ؛ دائىم ، كۆپىنچە؛
- ئەكسەرەن — كۆپىنچە ، كۆپ ھاللاردا؛
- ئەكسىي — تەتۈر،قارىمۇ-قارشى؛
- ئەكل — يېيىش ، تاماق يېيىش؛