لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەكمەك — تېرىماق ، كۆممەك ، سالماق؛
- ئەكمەل — ناھايىتى مۇكەممەل ، ئىنتايىن يېتىلگەن ، ئەڭ كامىل؛
- ئەكمەھ — تۇغما قارىغۇ ، تۇغما كور؛
- ئەكناف — ؛«كەنەف»نىڭ كۆپلۈكى : تەرەپلەر ، ئەتراپلار؛
- ئەكنۇن — ئەمدى ، ھازىر؛
- ئەكۇل — تاماقنى كۆپ يەيدىغان ، قارنى يامان ، بالاخور قورساق؛
- ئەكىن — ؛1) تېرىلغۇ. 2) گۇماننى بىلدۈرىدىغان يۈكلىمە؛
- ئەكىنچى — دېھقان؛
- ئەكىنلىك — زىرائەتلىك ، ئېتىز ، زىرائەت؛
- ئەگەچ — بولغاچ؛ ئىكەن؛
- ئەگەچى — ئەكەجى؛
- ئەگەرچە — گەرچە ؛
- ئەگەرمەك — ؛1) ئەگەشمەك ، قوغلاشماق ، يېتىشىمەك؛ 2) ئايلانماق ، دەۋر قىلماق؛
- ئەگەك — ئىكەك؛
- ئەگەلەمەك — ئىگە بولماق ، ئىگىلىمەك؛
- ئەگەمەنلىك — Sovereignty(ئىسىم)-- بىر دەۋلەت، ئۇلۇس ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدە تولۇق ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىش ۋە تاشقى كۈچ
- ئەگەنمەك — مايىل بولماق ، خاھلىماق ؛ ئادەتلەنمەك؛
- ئەگرەرتمەك — ئەگمەك ، ئەگرى قىلماق؛
- ئەگرەرمەك — ئېگىلمەك ، ئەگىر بولماق ، پۈكۈلمەك؛
- ئەگرەنمەك — نالە قىلماق، ئاھ ئۇرماق ، دەرد - ئەلەم چەكمەك؛
- ئەگرى — ؛1) ئەگرى ، قىيسىق ، بۈكۈك ، مايماق ، قىڭغىر ؛ ناتوغرا؛ 2) قەدىمىي بىر خىل ساز ، چالغۇ ئەسۋابى؛
- ئەگرىلتمەك — ئەگمەك ، ئەگرى قىلماق؛
- ئەگرىلمەك — ئېگىلمەك ، ئەگرى بولماق؛
- ئەگرىلىك — ئەگرىلىك ، قىڭغىرلىق؛ دەرد ، ئەلەم ، جاپا ، رەنچ ، كېسەل؛