لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەقل — ئەقىل ، زېمىن ، ئىدراك؛ [ئەقل سەررافى: ئەقىل زەرگىرى]؛ [ ئەقل نام ئاۋەرى -- نام قويغۇچى]؛
- ئەقلام — ؛«قەلەم»نىڭ كۆپلۈكى : قەلەملەر؛
- ئەقلەن — ئەقىل جەھەتتىن ، ئەقىل بىلەن؛
- ئەقلزۇدا — ئەقىلنى ئوغرىلىغۇچى ، ئەقىلنى ئوۋلىغۇچى ، ھوشسىزلاندۇرغۇچى؛
- ئەقلكۇش — ئەقىلنى كەتكۈزگۈچى ، قارا باستۇرغۇچى؛
- ئەقلى كۇل — مۇكەممەل ئەقىل ، ئىلاھىي ئەقىل ؛ ئىلاھ ؛
- ئەقلى مۇجەررەد — پاك ئەقىل ، ئۆتكۈر زېھىن؛
- ئەقلى مۇستەقىم — ئېغىشماس ئەقىل (پىكىز )، تۈز كۆڭۈل؛
- ئەقلىي — ئەقىلگە تەئەللۇق ، زېھنىي ؛
- ئەقلىييات — ؛«ئەقلىييەت»نىڭ كۆپلۈكى : ئەقىلگە ئائىت ، ئەقلىي بىلىملەر؛
- ئەقم / ئەقەم — تۇغماس ، مېۋىسىز ، نەتىجەسىز؛
- ئەقمىشە — ؛«قۇماش»نىڭ كۆپلۈكى : تۈرلۈك توقۇلمىلار ، گەزلىمىلەر، رەختلەر؛
- ئەقۇر — ئادەم چىشلەيدىغان ھايۋانلار؛
- ئەقۋا — ئەڭ كۈچلۈك ، ئەڭ قۇدرەتلىك؛
- ئەقۋال — ؛«قەۋل»نىڭ كۆپلۈكى : سۆزلەر ، گەپلەر؛
- ئەقۋام — ؛«قەۋم»نىڭ كۆپلۈكى : قەۋملەر ، خەلقلەر؛
- ئەقۋىيا — ؛«قەۋىي»نىڭ كۆپلۈكى : كۈچلۈكلەر ، قۇدرەتلىكلەر؛
- ئەقىب — بىر نەرسەنىڭ ئارقاسى ، كەينى ؛ ئارقىدىن كېلىدىغان ، ئىككىنچى ئورۇندىكى؛
- ئەقىدە — Tenet(ئىسىم)--بىر شەخس، گۇرۇھ، دىن ياكى تەشكىلاتنىڭ چوڭقۇر ئىشىنىدىغان، ئۆز ھەرىكەتى ۋە قارارلىرىنىڭ ئاساسى سۈپەتىدە قوب
- ئەقىق — ھىقىق ئاگات ، ياقۇتنىڭ بىر خىلى؛
- ئەقىل — چۈشنىش قۇۋۋەتى؛ پەم ۋە ئىدراك
- ئەقىلە — يولباشچى ، سەركەردە ؛ تاللانغان ، سەرخىل؛
- ئەقىلگە مۇۋاپىق — ئەقىلگە سىغىدىغان، لوگىكالىق، ئادىل ۋە مۇلايىم بولۇش ھالەتى. بىر تەلەپ، باھا، قارار ياكى ھەرىكەت ھەددىدىن ئاشماي، ئادەمل
- ئەقىللىق/چىرايلىق — Smart(پېئىل/سۈپەت)--زېرەك، ئەقىللىق، ئۆگىنىش قابىلىيەتى يۇقارى، چىرايلىق كىيىنگەن، زامانىۋى، ئاپتوماتلاشقان (تېخنىكىدا)