لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەقەبە — خەتەرلىك تاغ يولى ، چىغىر يول ؛ ئېغىر ئىش؛
- ئەقەلل — ئەڭ ئاز ، ئەڭ كەم ؛ ئەڭ بولمىغاندا ، ئەك ئاز دېگەندە ، ئەقەللىي؛
- ئەقەللى — ئىپتىدائى؛ ئاددىسى؛ ھېچبولمىغاندا ؛ئاز دىگەندە.
- ئەقب — ئۆكچە ، تاپان ؛ ئارقا ، كەينى؛
- ئەقبەھ — ئەڭ يامان ، ئەڭ قەبىھ ، ئەڭ خۇنۈك ، ئەڭ سەت؛
- ئەقتائ — ؛«قەتئ»نىڭ كۆپلۈكى : پارچىلار ، بۆلەكلەر ، قىتئەلەر؛
- ئەقتاب — ؛«قۇتب» نىڭ كۆپلۈكى: قۇتۇپلار؛ بىرەر گۇرۇھ ياكى جامائەتنىڭ باشلىقلىرى ،سەركەرمىلىرى]؛
- ئەقتار — ؛«قۇتر»نىڭ كۆپلۈكى: رايونلار ، جايلار؛ دىيامېتىرلار؛
- ئەقد — باغلاش ، تۈگۈش ؛ تۈگۈن ، باغلىنىش؛ نىكاھ؛
- ئەقدام — ؛«قەدەم»نىڭ كۆپلۈكى: قەدەملەر؛ [ئەقدام ئۇرماق -- ھەرىكەت قىلماق ؛ قەدەم باسماق]؛
- ئەقداھ — ؛«قەدەھ»نىڭ كۆپلۈكى : قەدەھلەر، پىيالىلەر؛
- ئەقدەس — ئىنتايىن مۇقەددەس؛ بەك مۇبارەك.
- ئەقدەس — ئەڭ مۇقەددەس؛
- ئەقدەم — ئەڭ قەدىم، ئەڭ بۇرۇن؛
- ئەقدى بەند — توختام تۈزۈش ، تويغا چاي ئىچكۈزۈش؛
- ئەقدى زەۋج — نىكاھ ، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت؛
- ئەقران — ؛«قەرىن» نىڭ كۆپلۈكى :ئوخشىشىدىغانلار، جور كېلىدىغانلار ؛ تەڭتۇشلەر ؛ يېقىنلار؛
- ئەقرەب — ؛1) ئەڭ يېقىن؛ 2) چايان؛ كونا ئاسترونومىيە چۈشەنچەسى بويىچە ئاسماننىڭ سەككىزىنچى بۇرجى (بۇ بۇرج چايان شەكلىدە تەسەۋۋۇر ق
- ئەقرەبا — ؛«قەرىب» نىڭ كۆپلۈكى : قارىنداشلار ، تۇققانلار؛ ئەڭ يېقىن كىشىلەر؛
- ئەقرۇبا — ئۇرۇق-تۇققان.
- ئەقسا — ئەڭ يىراق جاي ، ئەڭ چەت يەر؛ [مەسجىدى ئەقسا -- ئېرۇسالىم (قۇددۇس )دىكى كاتتا مەسچىت؛ [مەقسەدى ئەقسا -- ئەڭ ئاخىرقى مەقسە
- ئەقسائى چىن — چىننىڭ يىراق جايى، چىننىڭ ئەڭ چەتى؛
- ئەقسام — ؛«قىسم»نىڭ كۆپلۈكى : قىسىملار ، بۆلۈملەر؛
- ئەقسۇم — ئاخسۇم؛