لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەفكەندە ليغ — چۈشكۈنلۈك؛
- ئەفكەندەئى بىئىئتىبار — ئېتىبارسىز ، تاشلاندۇق؛
- ئەفگار — مەجرۇھ ؛ يارىلانغان ، يارىدار بولغان ، جاراھەتلەنگەن؛ كېسەل، ئاغرىق؛ ئۆرتەنگەن؛ [ئەفگار ئەيلەمەك -- جاراھەتلەندۈرمەك ، ي
- ئەفگارليغ — مەجرۇھلۇق ، خەستىلىك؛ خارلىق؛
- ئەفگان — نەرسەنى تۆكۈش؛ تاش تاشلاش؛ چېچىۋىتىش
- ئەفلاك — ؛«فەلەك»نىڭ كۆپلۈكى: پەلەكلەر ، ئاسمانلار؛ [ئەفلاك سەيرى -- ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەتى]؛ [ئەفلاك جىرمى -- كۆكتىكى يۇلتۇزل
- ئەفلاكرەۋ — ئاسماننى كەزگۈچى ، كۆكتە پەرۋاز قىلغۇچى؛
- ئەفلاكسوز — كۆكنى كۆيدۈرگۈچى ، ئالەمنى ئۆرتىگۈچى؛
- ئەفلاكى كەجرەفتار — تەتۈر چۆرگىلەيدىغان ئاسمان؛
- ئەفلەج — پالەچ كېسەللىكى ؛ پالەچ كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئادەم؛
- ئەفۋ — گۇناھتىن ئۆتۈش ، كەچۈرۈم قىلىش ؛ ئۆچۈرۈۋېتىش ، ئىزىنى يوقىتىۋېتىش؛
- ئەفۋاج — ؛«فەۋج»نىڭ كۆپلۈكى: گۇرۇھلار،توپلار،جامائەتلەر،دۆۋىلەر؛
- ئەفۋاھ — ؛«فەم»نىڭ كۆپلۈكى: ئېغىزلار ؛
- ئەفىف — پاك ، پاكىز ، تازا ؛ ئەسكى ئىشلاردىن ساقلانغان ، ئىپپەتلىك؛
- ئەفيۇنىي — ئەپيۈن چەككۈچى ، ئەپيۇنكەش؛
- ئەقائىد — ؛«ئەقىدە»نىڭ كۆپلۈكى : ئەقىدىلەر ، ئىشەنچلەر؛
- ئەقار — مۇقىم مۈلۈك؛ مال؛
- ئەقارىب — ؛«قەرىب »نىڭ كۆپلۈكى : تۇغقانلار ، قارىنداشلار ؛ ئەڭ يېقىنلار؛
- ئەقاسى — ؛«ئەقسا»نىڭ كۆپلۈكى : ئۇزاقلار ، يىراقلار؛ ئەڭ ئۇزاق جايلار، ئەڭ چەت يەرلەر؛
- ئەقاقىر — خۇشبۇيلۇق خۇرۇچلىرى؛
- ئەقالىم — ؛«ئىقلىم» نىڭ كۆپلۈكى : ئىقلىملار ، رايونلار؛
- ئەقالىمى سەبئە — يەتتە ئىقلىم ، پۈتكۈل يەرشارى؛
- ئەقانىم — ؛«ئوقنۇم»نىڭ كۆپلۈكى : كىشىلەر ، ئادەملەر ؛ تەبىئەتلەر ،مىجەزلەر ؛ ماھىيەتلەر؛
- ئەقەبات — ؛« ئەقەبە»نىڭ كۆپلۈكى: خەۋپلىك تاغ يوللىرى ، چىغىر يوللار ؛ ئېغىر ئەمگەك؛