لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەفزۇد — كۆپىيىش،ئارتىش ، ئېشىش ، ئۇلغىيىش؛
- ئەفزۇن — ئارتۇق ، كۆپ ، ئاشقان ، كۆپەيگەن؛ زورايغان؛ [ئەفزۇن ئولماق -- ئاشماق ، كۆپەيمەك]؛ [ئەفزۇن قىلماق -- ئاشۇرماق ، كۆپەيتىمە
- ئەفزۇنلىغ — ئارتۇقلۇق؛
- ئەفسار — تىزگىن ، نوختا ، چۇلۋۇر؛
- ئەفسانە — ھېكايە ، نەقىل ، داستان ؛ ئويدۇرما ھېكايە، چۆچەك ؛ بىمەنە سۆز؛ [ ئەفسانە پەرداز --ھېكايە توقۇغۇچى ، ھېكايىچى ، ھېكايە ئې
- ئەفسانە سەنچ — ئەپسانە توقۇغۇچى ، ھېكايە توقۇغۇچى؛
- ئەفسانە گۇزاز — ئەفسەنە پەرداز؛
- ئەفسانەلىق — مەشھۇرلۇق ، داڭقى چىققان؛
- ئەفسەر — تاج؛ باشنىڭ ئۇچى؛
- ئەفسەر پەرەست — تاجپەرەس؛
- ئەفسەرى رىفئەت — يۈكسەكلىك تاجى ، يۇقارى مەرتىۋە؛
- ئەفسەھ — گۈزەل سۆزلۈك ، ئەڭ سۆزمەن ، ئەڭ پەسىھ؛
- ئەفسۇردە — مۇزلىغان ، قېتىپ قالغان؛ سۇلغۇن ، جانسىز ، چۈشكۈن ،روھسىز؛ [ ئەفسۇردە دىل --كۆڭلى سۇنۇق،چۈشكۈن]؛
- ئەفسۇن — سېھىر، نەيرەڭ ، مىكىر؛ [ئەفسۇن تىراز -- سېھىرگەر،سېھىرلىك]؛ [ئەفسۇن ئەيلەمەك --سېھىرلىمەك، ئالدىماق]؛
- ئەفسۇنساز — سېھىرگەر ؛ ماھىر ھېكايىچى ، ئاجايىپ داستانچى؛
- ئەفسۇنگەر — سېھىرگەر ، نەيرەڭچى؛
- ئەفسۇنگەران — ؛«ئەفسۇنگەر»نىڭ كۆپلۈكى : سېھىرگەرلەر ،نەيرەڭچىلەر؛
- ئەفشان — ؛(بىرىكىمىلەر تەركىبىدە «چاچقۇچى ، سەپكۈچى ، تۆككۈچى مەنالىرىدە كېلىدۇ)؛ [ئەنبەر ئەفشان -- ئەنبەر چاچقۇچى ، ئەنبەر پۇراي
- ئەفغان — داد - پەرياد ، نالە، پىغان؛ [ئەفغان چەكمەك -- دادلىماق ،پەرياد چەكمەك]؛
- ئەففان — پىغان؛ نالە-پەريات؛ ئاھ ئۇرۇش
- ئەفقەر — بەك يوقسۇل ، ئەڭ كەمبەغەل؛
- ئەفكار — ؛«فىكر»نىڭ كۆپلۈكى: پىكىرلەر ، ئويلار ، كۆزقاراشلار؛
- ئەفكەن — ؛(سۆز بىرىكمەلىرىدە «تاشلىغۇچى ، ئاتقۇچى ؛ چۈشۈرگۈچى ، ياپقۇچى دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ)؛ [خەدەنگ ئەفكەن -- ئوق ئالغۇچى]؛
- ئەفكەندە — تاشلاندۇق ، خار ؛ كەمتەر؛ [بەندەئى ئەفكەندە -- خار بەندە؛(بۇ سۆز كەمتەرلىك يۈزىسىدىن «مەن» ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ)]؛