لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەغلەز — ئەڭ قوپال؛
- ئەغنىيائ — ؛«غەنىي»نىڭ كۆپلۈكى: بايلار؛
- ئەغيار — ؛«غەير»نىڭ كۆپلۈكى : بىگانىلار ، ياتلار؛ غەيرىلەر؛ رەقىپلەر؛
- ئەفئا — زەھەرلىك يىلان ، زەھەرلىك قارا يىلان ؛ مەھبۇبنىڭ چېچى؛
- ئەفئال — ؛«فېئل»نىڭ كۆپلۈكى : ھەرىكەتلەر ، قىلىقلار ، پېئىللار؛[ھەمىدە ئەفئال -- ياخشى قىلىقلار،خۇش پېئىل كىشىلەر]؛ [ ناخۇش ھەمىد
- ئەفئى / ئەفئا — زەھەرلىك ئىلان
- ئەفئىيى مۇئەنبەر/ئەفىئىيى مۇشكىن — خۇشبۇي قارا يىلان ،خۇشبۇي قارا چاچ؛
- ئەفازىل — ؛«ئەفزەل»نىڭ كۆپلۈكى : ئەڭ قابىلىيەتلىكلەر ، ئەڭ بىلىملىكلەر، ئالىملار؛
- ئەفاف — پاك ئادەم ، يامانلىقلاردىن خالىي ئادەم ؛ ئىپپەتلىك؛
- ئەفەن — سېسىق ، بەتبۇي؛
- ئەفتادە — ۋەيران بولغان ، يىقىلغان ، زەئىپ ، چۈشكۈن ، قەدىرسىز ، خاكسار؛[ئەفتادە بولماق -يىقىلىپ چۈشمەك؛ ۋەيران بولماق؛ خار بولماق
- ئەفتادە ۋەش — ۋەيرانە ، ئاشىق سۈپەت؛
- ئەفتانۇ خىزان — يىقىلىپ - قوپۇپ؛
- ئەفراد — ؛«فەرد»نىڭ كۆپلۈكى : شەخسلەر ، كىشىلەر؛ بىر تىپتىكى نەرسەلەرنىڭ ھەربىرى ؛
- ئەفراز — كۆتۈرۈش ، يۈكسەلدۈرۈش؛
- ئەفرەنجىي — ياۋروپاچە ، ياۋروپاغا مەنسۇپ؛
- ئەفروختە — لاۋۇلداپ تۇرغان ، يالتىراپ تۇرغان ، يالتىراق ، پارلاق؛ يانغان؛
- ئەفروز — يورۇتقۇچى، پارلاتقۇچى ، قىزىتقۇچى، كۆيدۈرگۈچى؛ [مېھىرئەفروز --قۇياشتەك يورۇتقۇچى،پارلاتقۇچى]؛
- ئەفرون — ئارتۇق؛كۆپ؛ نۇرغۇن
- ئەفرىدون — قەدىمقى ئىران شاھلىرىنىڭ بىرى؛
- ئەفزا/ئەفزاي — سۆز ياساش رولىنى ئويناپ «ئاشۇرغۇچى،كۆپتۈرگۈچى،ئۇزارتقۇچى مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [ھەيات ئەفزا-- ھاياتنى ئۇزارتقۇچى]؛ [روھ ئەف
- ئەفزار — ئەسۋاب، ئىش قورالى؛
- ئەفزەل — ئەڭ ياخشى ، ئەڭ ئوبدان، ئەۋزەل؛
- ئەفزەلىييەت — ئەۋزەللىك؛