لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەشكرىز — [ئەشكرىز=ئەشكرىزان/ئەشك فىشان] ياش تۆككۈچى ، كۆز يېشى قىلغۇچى ، يىغلىغۇچى؛
- ئەشكرىزلىغ — يىغلىغۇچىلىق، يىغلاڭغۇچىلىق؛
- ئەشكناك — ياش ئاققۇزغۇچى ، ياشلىق؛
- ئەشكى رەۋان — ئاقىدىغان كۆز يېشى؛
- ئەشكى سىمىز — [ئەشكى سىمىز=ئەشكى سىم ئەندۇد]؛ ئاق ساقالغا تامچىلىغان كۆز يېشى؛
- ئەشكى غەلتان — مۆلدۈرلەپ ئاقىدىغان كۆز يېشى؛
- ئەشكى نەدامەت — نادامەت يېشى؛
- ئەشگەك — ئېشەك؛
- ئەشمەك — پالاق ئۇرماق (كېمىدە ) ؛ قازماق ، كولىماق ، ئاختۇرماق؛ ئەشمەك؛ [ئەلىك ئەشمەك -ئېلىشماق ، جەڭ قىلماق]؛
- ئەشنىمەك — ئۇپرىماق؛
- ئەشھەب — بوز ئات؛ بوز رەڭ؛
- ئەشھەر — ئەڭ مەشھۇر ، ئەڭ شۆھرەتلىك؛
- ئەشۇرا — ئىسلام يىلنامەسى بويىچە بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى؛
- ئەشىئئە — ؛«شۇئائ»نىڭ كۆپلۈكى: نۇرلار،شولىلار؛
- ئەشىك — ياش(كۆزيېشى)،
- ئەشىك — ئىشىك ، دەرگاھ ، ساراي ، ئۆي؛ [ئىشىك ئاغاسى--ئىشىك باقار، دەرۋازىۋەن]؛ [ئەشىك .ئىختىيارى--دىۋان بېگى ، ئوردا بېگى]؛
- ئەشىكچى — ئىشىك باققۇچى؛
- ئەشىكلىك — ئەشكىلىك تۆرلىك--ئىشىكتىن تۆرىگىچە بولغان (ئارىلىق) ، يېقىنلا (يەر)؛
- ئەشيائ — ؛«شىئە»نىڭ كۆپلۈكى: ئۈلپەتلەر ، مەسلەكداشلار ، دوستلار؛
- ئەشيانە — ئاشيانە؛
- ئەغراز — ؛«غەرەز» نىڭ كۆپلۈكى: غەرەزلەر ، مەقسەتلەر؛
- ئەغزىيە — ؛«غىزائ»نىڭ كۆپلۈكى : غىزالار ، تاماقلار ، ئوزۇقلۇقلار ؛
- ئەغلال — ؛«غۇلل»نىڭ كۆپلۈكى: كىشەنلەر،زەنجىرلەر، بويۇنتۇرۇقلار؛
- ئەغلەب — ئەڭ كۆپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم؛