لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەشەرە — ئون؛
- ئەشەرەئى كامىلە — ساق ئون؛ پاكلىقتا كامالەتكە يەتكەن قىز؛
- ئەشەكمۇنچاق — كۆپىنچە ئېشەككە تاقىلىدىغان ياپىلاق ، كۆك رەڭلىك مۇنچاق؛
- ئەشباھ — ؛«شەبھ» نىڭ كۆپلۈكى : سايىلەر ، يىراقتىن كۆرۈنگەن قارا يوچۇن گەۋدىلەر؛ 2)«شىبھ،شەبىھ»نىڭ كۆپلۈكى: ئوخشاشلىقلار؛
- ئەشبەھ — ئوپئوخشاش؛
- ئەشجار — ؛«شەجەر»نىڭ كۆپلۈكى : دەرەخلەر؛
- ئەشچى — دوست ، ھەمراھ؛
- ئەشخاس — ؛«شەخس»نىڭ كۆپلۈكى : شەخسلەر ، كىشىلەر؛
- ئەشرار — ؛«شەرىر»نىڭ كۆپلۈكى: يامانلار ، ئەسكىلەر ، يارىماسلار ،بۇزۇقلار؛
- ئەشراف — ؛«شەرىف» نىڭ كۆپلۈكى : شەرەپلىك كىشىلەر، ئېتىبارلىق كىشىلەر ، كاتتىلار ، ئالىي تەبىقە؛
- ئەشرەپ — ئۇلۇغ، ئىنتايىن شەرەپلىك، بەك مۆتىۋەر
- ئەشرەف — ئەڭ شەرەپلىك ، ئەڭ شاراپەتلىك ؛ ئېسىلزادە؛
- ئەشرەفى ئەۋساف — سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
- ئەشرەفىي — قەدىمقى بىر خىل پۇل نامى؛
- ئەشرىبە — ؛«شەراب» نىڭ كۆپلۈكى : ئىچىملىكلەر، شارابلار ؛ ئۇسسۇلۇقلار؛
- ئەشغال — ؛«شۇغل» نىڭ كۆپلۈكى : ئىشلار ، خىزمەتلەر، كەسىپلەر؛مەشغۇلىيەتلەر؛ [ ئەشغال كەسرەتى -- قاتىلاڭچىلىق، ئىش كۆپلۈكى]؛
- ئەشقەر — تۇلپار؛ ئۇچقۇرئات؛ چاپقۇر ئات.
- ئەشقىيا — ؛«شەقىي» نىڭ كۆپلۈكى : يارىماسلار ، ياۋۇزلار، ئەبلەخلەر؛
- ئەشك — كۆز يېشى؛ [ئەشك ئەفشان، ئەشك فشان-- ياش تۆككۈچى ، يىغلىغۇچى]؛ [ئەشك جۇيبارى -- كۆزدىن ئاققان ياشلار]؛
- ئەشكال — ؛«شەكل»نىڭ كۆپلۈكى: شەكىللەر؛ تۈرلەر؛ سۈرەتلەر؛
- ئەشكەستە — شىكەستە ، سۇنۇق ؛ دىلى سۇنۇق ، قەلبى يارا؛
- ئەشكەستەلىغ — شىكەستىلىك ، دىلى سۇنۇقلۇق ، قەلبى يارىلىق؛
- ئەشكەك — قېيىقچى پالىقى؛
- ئەشكبار — ياش ئاققۇزغۇچى؛ [ ئەشكبار قىلماق،ئەشكبار ئەتمەك -- كۆز يېشى قىلدۇرماق ، يىغلاتماق؛يىغلىماق]؛