لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەسنام — ؛«سەنەم»نىڭ كۆپلۈكى: بۇتلار، دىلبەرلەر؛
- ئەسھاب — ؛«ساھىب»نىڭ كۆپلۈكى : دوستلار ، ئۈلپەتلەر ، سۆھبەتداشلار؛ ئىگىلەر،خوجايىنلار؛ ساھابىلار؛ [ئەسھابۇل كەھف -- غار ساھابىلىر
- ئەسھابى جاۋىدانىي — دائىمىي سۆھبەتداشلار ، مەڭگۈلۈك دوستلار؛
- ئەسھابى رىسالەت ئايىن — پەيغەمبەر سۆھبەتداشلىرى؛
- ئەسھابى كەھف — غاردا بىللە بولغانلار ، غار ساھابىلىرى (رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ، ئۇلار رۇم شاھى دەقيانۇسنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، بىر غا
- ئەسھاپ — سۆھبەتداش؛ بىراۋنىڭ سۆھبەتىدە بولغانلار.
- ئەسھەل — ئەڭ ئاسان ، بەك ئاسان؛ [ئەسھەل قىلماق -- ئاسانلاشتۇرماق]؛
- ئەسۈرمەك — مەست بولماق؛
- ئەسۋاب — ؛«سەۋب»نىڭ كۆپلۈكى: كىيىم - كېچەكلەر ، ئۈستىباشلار؛
- ئەسۋات — ؛«سەۋت»نىڭ كۆپلۈكى : تاۋۇشلار ، ئاۋازلار؛
- ئەسۋەد — قارا ، قاپقارا ، قارا رەڭلىك؛
- ئەسىر — ؛1) باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ، تۇتقۇن ، ئەسىر؛ [ئەسىردامى ئىشىق-- ئىشىق توزىقىغا چۈشكەن]؛ 2)مۈشكۈل ، تەس ، مۇشەققەتلىك
- ئەسىرانە — تۇتقۇندەك، ئەسىرگە ئوخشاش؛
- ئەسىركەمەك — ئېچىنماق ، ھېسداشلىق قىلماق، قوغدىماق ، ئاسرىماق، ئەپسۇسلانماق؛
- ئەسىرى مىھەن — ئاپەتكە دۇچار بولغان ، مۇشەققەتكە دۇچار بولغان؛
- ئەسىغ — پايدا ، بەھر، نەپ؛
- ئەش — ھەمرا؛ بالانىڭ ھەمرايى.
- ئەش — ھەمراھ ، جۇپت، جۆرە؛
- ئەشئار — شېئىرلارجەمئىسى؛ شېئرلار توپلامى.
- ئەشئار — ؛«شېئىر»نىڭ كۆپلۈكى: شېئىرلار ، شېئىرىيەت؛
- ئەشئەرىيە — كالام ئىلمىنىڭ بىر ئېقىمى؛
- ئەشەدد — ئەڭ شىددەتلىك ؛ ئەڭ قاتتىق؛
- ئەشەددىي/ۋەھشىي — Fierce(سۈپەت)--ئىنتايىن كۈچلۈك، ۋەھشىي، قاتتىق، شىددەتلىك دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ ۋەھشىيلىكى، جەڭنىڭ
- ئەشەرات — ؛«ئەشەرە»نىڭ كۆپلۈكى : ئونلار ، ئونلار خانىسى ، ھەر ئونلۇق پەللىسىدىكى سانلار؛ مەسىلەن ، 10 ، 20 ، 30 . 40 دېگەنگە ئوخشا