لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەنزار — ؛«نەزەر»نىڭ كۆپلۈكى : قاراشلار ، نەزەرلەر؛ [كەۋكەب ئەنزارى -- يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت دەرەجەلىرى]؛
- ئەنساب — ؛«نەسەب»نىڭ كۆپلۈكى : نەسىل - نەسەب ، نەسەبلەر؛
- ئەنسار — ؛«نەسىر»نىڭ كۆپلۈكى : ياردەمچىلەر ، ياردەم بەرگەنلەر ،مەدەتكارلار؛
- ئەنسال — ؛«نەسل»نىڭ كۆپلۈكى : نەسىللەر ، ئۇرۇقلار؛
- ئەنسەب — تازا باب ، ئەڭ مۇۋاپىق؛
- ئەنسەپ — مۇناسىپراق، لايىقراق.
- ئەنشى — يېزىش ، ئىنشا؛ [ئەنشى ئەتمەك -- يازماق]؛
- ئەنفاس — ؛«نەفەس»نىڭ كۆپلۈكى : نەپەسلەر ، دەملەر؛
- ئەنفاسى جان بەخش — جانبەخش نەپەسلەر، مۆجىزىلىك نەپەسلەر؛
- ئەنفاسى روھىللاھ — ئۆتكۈر نەپەسلەر؛
- ئەنفاسى قۇدسىي — مۇقەددەس نەپەسلەر؛
- ئەنفاسى مەسىھا — جان بېغىشلىغۇچى نەپەسلەر ، مۆجىزىلىك نەپەسلەر؛
- ئەنفەئ — ئەڭ پايدالىق ، ئەڭ مەنپەئەتلىك؛
- ئەنفۇس — ؛«نەفس»نىڭ كۆپلۈكى : شەخسلەر ، جانلار ، نوپۇسلار؛
- ئەنقا — ئەنقا-- سۇمۇرغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قەدىمقى مىپولوگىيەدىكى كۆھىقاپتا ياشايدۇ ، دەپ رىۋايەت قىلىنىدىغان ئەپسانەۋى، مەشھۇر زور
- ئەنقەرىب — تېز ئارىدا ، تېز پۇرسەتتە ، يېقىندا؛
- ئەنقەرىپ — يېقىندا يېقىنقى.
- ئەنكەر — ئىنتايىن يېقىمسىز؛
- ئەنكەرۇل ئەسۋات — ئەڭ يېقىمسىز تاۋۇش؛
- ئەنكەل — گىرىپتار، باغلىنىپ قالغان ، بېرىلىپ كەتكەن ، ئاشىق؛
- ئەنگەبىن — ھەسەل ، بال؛
- ئەنگەل — توساق ، قاشا ؛
- ئەنگوشت — بارماق ، پۇت - قولنىڭ بارماقى؛
- ئەنگوشتنەما — بارماق بىلەن سانىلىدىغان ، ئاتاقلىق ، كۆزگە كۆرۈنگەن ،مەشھۇر؛