لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەمسار — ؛«مىسر»نىڭ كۆپلۈكى : كاتتا شەھەرلەر؛
- ئەمسال — ؛1) «مىسل»نىڭ كۆپلۈكى : ئوخشاشلار . ئوخشايدىغانلار؛تەڭداشلار، قۇرداشلار؛ 2)«مەسەل»نىڭ كۆپلۈكى : مەسەللەر ، ماقاللار؛
- ئەمسىلە — ؛«مىسال»نىڭ كۆپلۈكى : مىساللار ، ئۆرنەكلەر؛
- ئەمقانماق — ئەمگەنمەك؛
- ئەمكىنە — ؛«مەكان»نىڭ كۆپلۈكى : تۇرار جايلار ، ماكانلار ، ئورۇنلار؛
- ئەمگەتمەك — قىينىماق ، ئازابلىماق ، خارلىماق؛
- ئەمگەك — ؛1) قىيىنچىلىق ، جاپا ، جاپا - مۇشەققەت، قايغۇ؛ [ئەمگەك تارتماق -- جاپا چەكمەك]؛ [ئەمگەك قىلماق -- جاپا چېكىپ ئىشلىمەك]؛
- ئەمگەك كۈچى — Workforce(ئىسىم)-- "work" (ئىش) ۋە "force" (كۈچ) نىڭ بىرىكمەسى بولۇپ، بىر دەۋلەت، رايون، سانائەت تارماقى ياكى مۇئەسسىسىد
- ئەمگەكلەمەك — ئۆمۈلىمەك؛
- ئەمگەكلەنمەك — جاپا تارتماق؛
- ئەمگەنمەك — قىيىنچىلىق تارتماق ، جاپا چەكمەك ، قىينالماق؛ مۇشەققەت چەكمەك؛
- ئەملاك — ؛«مۈلك»نىڭ كۆپلۈكى : مۈلۈكلەر؛[ئەملاك ئەتمەك-- ئۆز مۈلكىگە ئايلاندۇرماق]؛
- ئەملەش — چېچەك كېسەلىگە قارشى ۋاكسىنا تارىختىكى تۇنجى ۋە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەملەش پروگرامماسى بولۇپ، كېسەللىكنى يوق قىلىشقا يار
- ئەملەمەك — داۋالىماق ، دورا قىلماق؛
- ئەملەھ — ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ يېقىملىق ، ئەڭ شىرىن؛ [ئەملەھ ئولماق -- ئالاھىدە گۈزەللەشمەك]؛
- ئەملۈك — قارا يېمىش؛
- ئەملىمەك — دورا بەرمەك، داۋالىماق دورا سۈرمەك،
- ئەمم — ئاتىنىڭ ئىنىسى ياكى ئاكىسى، تاغا؛
- ئەممارە — ئۈندىگۈچى ، بۇيرۇغۇچى؛ [ئەممارە نەفس-- يامان يولغا ئۈندىگۈچى نەپس]؛
- ئەممال — ئامال قىلغۇچى ، چارە قىلغۇچى؛
- ئەممە — ھامما، ئاتىنىڭ ئاچىسى ياكى سىڭلىسى؛
- ئەممەزادە — بىر نەۋرە تۇغقان؛
- ئەمن — ئامانلىق ، تىنچلىق ، ئاسايىشلىق؛
- ئەمناباد — تىنچ جاي، تىنچلىق ماكانى؛