لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەمتار — ؛«مەتەر»نىڭ كۆپلۈكى: يامغۇرلار؛
- ئەمجەد — ئەڭ شەرەپلىك ، ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ ئالىيجاناب؛
- ئەمچى/ئەمەچى — تېۋىپ؛
- ئەمد — قەست ، نىيەت ؛ قوللاش ، يۆلەش ، مەدەتكارلىق ؛ تايانچ ، يۆلەنچ، تۈۋرۈك؛
- ئەمدا — ئەتەي؛ قەستەن.
- ئەمداد — ؛«مەدەد»نىڭ كۆپلۈكى : مەدەتلەر ، ياردەملەر، ياردەمچى ئەسكەرلەر؛
- ئەمدەن — قەستەن ، مەقسەتلىك ھالدا ، ئەتەي؛
- ئەمدى — ئەمدى، ھازىر؛
- ئەمدىدىن — ھازىردىن؛
- ئەمدىگە تەگرو — ھازىرغىچە؛
- ئەمدىگەچە — ھازىرغىچە ، مۇشۇ كەمگىچە؛
- ئەمر — ؛1) بۇيرۇق ، پەرمان ، ھۆكۈم؛ 2)ئىش؛ [ئاۋ ئەمرى -- ئوۋ ئىشى ، ئوۋچىلىق]؛
- ئەمراز — ؛«مەرەز»نىڭ كۆپلۈكى : كېسەللەر؛
- ئەمراغ — ئۆزىگە تارتىش ، ئۆزىگە جەلپ قىلىش؛ [ئەمراغ ئەتمەك -- ئۆزىگە تارتماق]؛
- ئەمرەد — ياش يىگىت ، بەساقال ، ساقال - بۇرۇت چىقمىغان بالا؛
- ئەمرەق — ئۈلپەت، دوست ، ئەمەك؛ دوستلۇق؛
- ئەمرۇنەھى — ئۈندەش ۋە چەكلەش؛
- ئەمرى بەدىئ — قىزىق ئىش ، ياخشى ئىش؛
- ئەمرى خەير — ياخشى ئىش ، خۇشاللىق ئىش ، توي - تۆكۈن؛
- ئەمرى مەئرۇف — ساۋات ، ھەممە ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىش؛ياخشىلىققا ئۈندەش؛
- ئەمرى مەئھۇد — ئادەتتىكى ئىش ؛ ۋەدە قىلىنغان ئىش؛
- ئەمرى مەۋھۇم — خىيالىي ئىش؛
- ئەمرىنامە — بۇيرۇق يېزىلغان قەغەز ، بۇيرۇقنامە؛
- ئەمزادە — تاغىنىڭ بالاسى ، ئاتىنىڭ ئاكىسى ياكى ئىنىسىنىڭ بالاسى؛